ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى بۈگۈن، 1997-يىلىدىكى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

بۇ ئورگاننىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان مەزكۇر باياناتتا، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرىكى 5-فېۋرالدا غۇلجا شەھىرى كوچىلىرىدا تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە باشقا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ كەمسىتىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋەقە يۈز بەرگەن 20 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەشلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن زەھەرلىك چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە باشقىلاردىن خالى بولۇشنى مەزمۇن قىلغان ئەنئەنىۋى مەشرەپ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقى، نەتىجىدە، ياشلارنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما، بۇ نارازىلىقلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقى ئەسلىتىلگەن.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

1472a91a-e658-484b-a342-458cc94b7fa7

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى پەيشەنبە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى باشچىلىقىدا 8 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئىستانبۇل ۋالىيلىقى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ مۇھىم رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. زىيارەت جەريانىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، تەكلىپ بەردى، ئىلتىماس سۇندى.

بۇ ھەيئەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندى، باش كاتىپ دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىلەرمۇ بىرلىكتە قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

«ئانا تىل دەرسلىكى» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشردىن چىقتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

08f3771f-2392-4cd5-9048-d350fb40bf65

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئانا تىل پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى قوللانمىلىرى-ئانا تىل دەرسلىكى» ناملىق ئەسەر ئىستانبۇل تەدبىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى. كىتاب 164 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىن ساۋاتى چىقمىغان ياكى چالا چىققان 6 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان.

تەپسىلاتى...

كۇچانىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ۋەھىمىلىك ھالدا داۋام قىلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

image

مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ سوت قوشنا كەنتلەردە ئېغىر دەرىجىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئۇزۇن بازىرىنىڭ سېغىز سۆگەت كەنتىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر كەنت ساقچىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ مەسىلە تاپشۇرغان. بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كاپىتالىست، سىياسىي جەھەتتىن بولسا سوتسىيالىستتىن ئىبارەت ئاچىماق يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ئاچىماق يولنىڭ يېقىن كېلەچەكتە خىتاي تەرەپ ئۈچۈن ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

c7be7563-b31f-46ab-b63c-1a0542029735

1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، قولىغا كويزا سېلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە تېلېفون قىلدۇق. بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايرودرومدىن خوڭكوڭ ئارقىلىق خىتايغا يولغا سېلىنىش ئالدىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن توسۇپ قېلىنغان. نەق مەيداندا ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇنى توسۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سافاكۆي شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ھاجى، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر-مەھمۇت ئىنايەت بىلەن قۇربانجان قادىرنىڭ ھازىر زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قايتۇرۇش خەۋپىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

«خىتاي رادىكال ئىسلامچىلارغا ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇر بولمىسىلا»

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىimage

بىر مۇخبىرنىڭ تۇڭگان ئۆلكىلىرىدە ھېس قىلغانلىرى

خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى جەھەتتە پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بېيجىڭدىكى مۇستەقىل ژۇرنالىست ئالىيىس سۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا لەنجۇدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئوخشاش تېررىتورىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىككى مىللەت ئۇچراۋاتقان ئوخشىمىغان دىنىي سىياسەت ئۈستىدە توختالغان.

تەپسىلاتى...

مۇتەخەسسىسلەر : سوۋېت ئارخىپلىرى 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

image

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، 1917-يىلىدىن تاكى 1950-يىلىغىچە بولغان 30 نەچچە يىل جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىسى قاتارىدا كۆردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئېتنىك، سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم قارارلارنى ئالغان بولۇپ، ئۇ، 1930-40-يىللىرىدا كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە ئارىلاشتى ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مەزكۇر تارىخى تېمىلار بويىچە بىر قىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى ۋە ئىزچىل كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەينى دەۋرگە ئائىت سوۋېت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا سوۋېت ھۆججەتلىرى ئىشلىتىلمىگەن بولسا، مۇتەخەسسىسلەر مانا ئەمدى مەزكۇر ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن تەتقىقاتلار ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەپسىلاتى...

سەكراتتىكى ئانىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوغلى بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈۋېلىش تەلىپى رەت قىلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

ffc5b619-ae4c-49b3-b0c5-85960ae48bed

«ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى پۇقراچە كىيىنگەن 6 ساقچى ئوغلۇم تۇرسۇنجاننى كورلىدىكى ئۆيىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلۇم شۇ ئېلىپ كېتىلگىنىچە غايىب بولدى. ھازىرغا قەدەر ئوغلۇم بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرىشەلمىدۇق…»

مانا بۇ بىر يىلدىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي قىينىلىپ يۈرگەن بىر ئاتىنىڭ زارى.

رادىيومىز 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا «مىسرانىم» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە مول-ھوسۇللۇق تور يازارى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بايانلىرىدىن دەلىللىگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق فېستىۋالى»غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

image28-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىليات شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەل-سالام» (تىنچلىق فېستىۋال) غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەمممەت تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېستىۋالدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو ۋە كاۋاپ قاتارلىق تاماقلارنى تەييارلاپ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان.

فېستىۋالدا ئۆزگىچە تائاملىرى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئادىلايت شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى فرانكېس بېدفور خانىم سەممىي ھال سورىغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

تەپسىلاتى...

دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدە خىتايلارنىڭ چاغانلىق بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللىمەكتىكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى63482630

خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدە چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللىمەكتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇل ۋە ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يېزا-بازارلىرىدا چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى چاغانغا ئاتاپ سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاشقا، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تېمىسىدىكى ئېتوت ۋە كۈلدۈرگىلەرنى ئورۇنلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسىگە مەدھىيە ئوقۇشقا تەشكىللىمەكتىكەن.

بولۇپمۇ چاغان ھارپىسىدا خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان ئۇيغۇر كادىرلىرى ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىتايلارنىڭ ئۆيىگە ساڭزا ۋە پىشۇرۇقلارنى تەييارلاپ يوقلاپ بارغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات كۆرۈنۈشلىرى تاراتقۇلاردىن كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالماقتىكەن.

تەپسىلاتى...