خىتاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خەلقئارانىڭ لاگېرلارغا بولغان دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

21-مارت كۈنى خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن يولغا چىققان بىر يۈك پويىزى ئۈرۈمچى ئارقىلىق ياۋروپاغا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ يۈك پويىزىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى بولۇپ، ئۇ 110 مىڭ دانە ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 766 دانە قوغدىنىش خالىتى قاتارلىق كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ««ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئىنسانپەرۋەرلىك» نامىدا بەرگەن ياردىمى ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلغان. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئىسلىتىپ، دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلماقتا شۇنداقلا خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 23-مارت كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مەركەزلىشىپ، ئۆزىنى ۋىرۇسقا قارشى باشلامچى قىلىپ كۆرسىتىشكە، بۇ ئارقىلىق دىققەتنى بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ تەسىرىدە ۋۇخەندىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەزىيەتنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان پۇقرا ژۇرنالىستلار ۋە شىنجاڭدىكى لاگېرلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى يېتەرلىك قوغدالمىغانلىقى ئانچە تىلغا ئېلىنماس بولغان.

تەپسىلاتى...

كۇچادا نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زاللىرىدا مۇكاپاتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

فېيسبۇكتا ئۇيغۇرىيە ئالپ نامىدىكى بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇچا ناھىيەلىك 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم، بۇلتۇر 4 ‏-ئايدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. فېيسبۇكتىكى بۇ ئۇچۇردا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 2019 ‏-يىلى 3 ‏-ئايدا مەزكۇر مەكتەپتىكى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سۈرىتى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن بىرىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرەپ لېنتىسى تاقالغان ھالەتتە مەكتەپ مەيدانىدا مۇكاپات ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ بېرىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ كىشى ھەققىدە ئۆزلىرىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئەمما فېيسبۇكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىكى ئىككى لوزۇنكىدىن مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇڭا بىز ئارخىپ ئىدارىسى خادىمىغا ئۇنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن ئۇ مەمەتتۇرسۇن ھەققىدىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

ساراھ كۇك: «خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىگە ئامېرىكا تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشى لازىم!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى نۆۋەتتە بارغانسېرى قوش خاراكتېرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم دىنىي كىملىكى بىردەك ھۇجۇم نىشانلىرى بولۇپ كەلمەكتە.

مۇشۇ خىلدىكى دىنىي زىيانكەشلىككە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېركېلېي مەركىزى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس تور مۇزاكىرىسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇزاكىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇقى بولغان ئامېرىكادىكى ھەر ساھەگە خاس مۇتەخەسسىسلەردىن ئون كىشى ئىشتىراك قىلىپ، مەسىلىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقتى.

شۇلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا تېخىمۇ قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە شەرھلىدى. ساراھنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېردا ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقاندا بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كەينىگە سوزۇشنىڭ تېخىمۇ زور باستۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىندى.

ساراھ كۇك خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزىتىش ئاساسىدا نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى «خىتاي كومپارتىيەسى دىنلارنى ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق باشقۇرۇپ كەلگەن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ كەتتى،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ھازىرقى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ بۇنداق زور كۆلەمگە ئىگە بولۇشى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

مەشھۇر چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

20-مارت مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ھىدايەتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ھىدايەت ئائىلىسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم خەۋەر ئالغان.

ھىدايەتنىڭ بىر تونۇشى ئۇنىڭغا دادىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2017-يىلى 9-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، يەنى «چەتئەلگە چىققان» ۋە «كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» دېگەندەك «جىنايەت» لەر بىلەن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە ھازىر كۈيتۇن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ھىدايەت زىيارىتىمىز جەرياندا دادىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن قانۇنلۇق يول ئارقىلىق مىسىرغا بىر قېتىم ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى،بۇ يىل 10 ياشقا كىرگەن سىڭلىسى ئۈچۈن 2016-يىلى خىتاينىڭ قانۇنى بويىچە جەرىمانىلىرىنى تۆلەپ، سىڭلىسىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

رەناگۈل تۇرسۇن: «يۈرىكىم چىدىمىسىمۇ، قىلغانلىرىمنى ھەرگىز خاتا دەپ ئويلىمايمەن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتقان پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ۋە بىۋاسىتە بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاتا-ئانىلىرى، بالىلىرى، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار جازا لاگېرى تۈزۈلمىسى ۋە دۇنياغا ۋەھىمە سېلىۋاتقان كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەندىشەلەنمەكتە. ئۇلار ئەندىشە ۋە سېغىنىشلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلىمەكتە.

يېقىندا تۈركىيەدىكى «گۈنجەل سەنئەت» ژۇرنىلىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئانىسىغا يېزىلغان مەكتۇپى ئېلان قىلىنغان. مەكتۇپتا رەناگۈل تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رەناگۈل تۇرسۇن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2011-يىلى كۆرۈشكەن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئولىۋىيا ئېنوس: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئامېرىكا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى لازىم!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ‍ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» مەسىلىسىگە تېخىمۇ قاتتىق ۋە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكادىكى «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ 23-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى مۇشۇ خىل چۇقانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىدىن مىسال ئالغان ھالدا نۆۋەتتە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدا ئولىۋىيا ئېنوس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك ئارقىلىق تەربىيەلەش» شەكلىدىكى زورلۇق تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ: «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بۇ ھادىسىنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك ھازىر ئاز دېگەندىمۇ خىتايدىكى 27 زاۋۇتتا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە 83 خىل ماركىدا ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇد كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشىنى ئەيىبلەش قارار لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلىكتە 24-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرلىرى ئەيىبلەنگەن قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇردى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس بۇ ھەرىكەتنى باشلىغۇچى بولۇپ، بۇ لايىھىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشتىكى خاتالىقىنى «مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان ئامىل» دېيىلىدۇ.

ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەگە مەنسۇپ پالاتا ئەزالىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئىمزا قويغان بۇ لايىھە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ۋىرۇسنى چۆرىدىگەن قاتتىق تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىقتى. لايىھىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس دەسلەپ بايقالغاندا ئۇچۇرنى يوشۇرۇشى، بايقالغان ۋىرۇس بىمارلىرىنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇچۇر ھەققىدە يالغان مەلۇمات تارقىتىشى شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنىڭ «ئېغىر ۋىرۇس تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› گە ياردەم بېرىش» ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىشى قاتارلىقلار ئەتراپلىق بايان قىلىندى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدا تور باشقۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان 13 كىشى جازالاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تور باشقۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان 13 كىشىنى قولغا ئالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر توردا ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان تور بوشلۇقىدا ساختا رەسىم-سۈرەتلەرنى ھەمدە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 20 ياشلىق بىرلا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۈندىدار توپىدا ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغان. دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارغا چېتىلىپ قالغانلار بىر قانچە نەپەر خىتايلار ئىكەن. لېكىن تۇتۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالدامچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تور باشقۇرۇشقا غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور بىر قىسمى دەل مۇشۇ خىلدىكى تور دۇنياسىغا بولغان كونتروللۇق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان خاتا مۇئامىلىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا تىنچلىق تەشكىلاتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتمىسا، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىش ئۇنىڭغا قايىل بولۇش بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇخبىرى سىلۋىيە ساۋېدرا قەلەمگە ئالغان ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، خەلقئارا داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان كارخانىلارغا يۆتكىگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىدىكى رەھىمسىز ئىنكاسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا: «ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ يۇقۇمغا بولغان ئىنكاسى لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئاچارچىلىق ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلدى،» دېيىلگەن.

ماقالىدە تەكىتلىشىچە، خەلقئارانىڭ بۇ خىل قىلمىشلاردا «كۆزىنى يۇمۇۋالماسلىقى، ‹رىۋاندا قىرغىنچىلىقى› دا يۈز بەرگەن خاتالىقنى تەكرارلىماسلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى» ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەك كەچ قېلىشتىن بۇرۇن ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتكە قارشى تۇرۇشى ياكى بۇ خىرىسقا باش ئېگىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى 2020-يىلى 18-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكالىق ژۇرنالىستلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى، ئامېرىكانىڭ ئاخبارات ھەرىكىتىگە قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى توختىتىشى ۋە ئاخبارات بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى ھەل قىلىشى كېرەك» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 18-مارت كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترېتت ژۇرنىلى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان بارلىق ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ 2020-يىل ئاخىرىغىچە مۆھلىتى بار مۇخبىرلىق كىنىشكىلىرىنى 10 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي يەنە «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «دەۋر» ژۇرنىلىنىمۇ خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى، مالىيە، تىجارەت ۋە ئۆي-مۈلۈككە ئائىت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاشكارا ھالدا، بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ، ئامېرىكادىكى خىتاينىڭ ئاخباراتچى خادىملار سانىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

تەپسىلاتى...