«ۋايس خەۋەرلىرى» دە «ئۇلار بىزنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىدۇ» ناملىق ھۆججەتلىك پروگرامما تارقىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

HBO قانىلىغا قاراشلىق VICE NEWS (ۋايس خەۋەرلىر) » پروگراممىسىدا 29-ئىيۇن كۈنى «ئۇلار بىزنى كېچىدە تۇتقۇن قىلىدۇ—خىتايدىكى غايىب بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلار» ناملىق ھۆججەتلىك پروگرامما تارقىتىلدى. مەزكۇر پروگراممىنىڭ يېرىم سائەتلىك تولۇق نۇسخىسى كېيىن يۇتۇب تورىغا قويۇلدى. پروگراممىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە خىتايدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ داۋاملىق نازارەت ۋە زالىم سىياسەتلەر تۈپەيلى قاباھەتلىك دىستوپىيەنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «زور كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلاردا قاتتىق مەخپىي ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتلار بېرىلگەن.

«ۋايس خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى ئىسابېللا يوڭمۇ پروگراممىنىڭ كىرىش قىسمىدا بۇ يەردە مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتى قاتتىق چەكلەنگەنلىكتىن ساياھەتچى قىياپىتىدە بۇ رايونغا كەلگەنلىكىنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەخپىي تارتىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى «چوڭ بازار» دا ساياھەتچى قىياپىتىدە ئايلىنىۋاتقاندا كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوخشىمىغان تۈركۈمدىكى ساقچىلار ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ توختىماي ئەتراپنى چارلاپ يۈرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا بىر دۇكانغا كىرىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى كىرگەن بىر كىچىك بىر سودا سارىيىنىڭ تورۇسىدا ھەر ئىككى مېتىردە بىردىن كامېرا بارلىقىنى، مۇشۇ كىچىككىنە سودا ساراي ئىچىدىلا 40 كامېرانى ساناپ چىققانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ تېلېفونلىرىغىمۇ «جاسۇسلۇق ئەپى» ئورنىتىلىشى دىققەت قوزغىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تېلېفونلىرىغا بىر خىل جاسۇسلۇق ئەپىنى مەجبۇرىي قاچىلاتقۇزۇۋاتقانلىقى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغان ۋاقىتتا كوچىلاردا توختىتىپ ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىدا شۇ خىلدىكى ئەپنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، بۇ ئەپ ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يەنە ساقچىلارنىڭ قوللىرىدىكى تېلېفونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تورلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش بىرلەشمە سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپ ئارقىلىق بىر مەركەزگە ساقلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بىراق يېقىندا، مۇشۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ئەپىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت ۋە باشقا ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن بېرىش ئۈچۈن چېگرادىن كىرگەن ھەرقانداق بىر چەتئەللىكنىڭ تېلېفونىغىمۇ ئورنىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» كونا ئەزالىرىنى ئۇزىتىپ، يېڭى ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئەزالارنى قارشى ئالغان ۋە كونا ئەزالىرىنى ئۇزاتقان.

26-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ يېڭى ئەزالارنى قارشى ئېلىش، كونا ئەزالىرىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى خادىمى ريان باررى ھەمدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇسىيە پاررۇچى قاتارلىقلار 25-ئىيۇندىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئانالىزچىلار: «2-قېتىملىق ‹شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى› دىن بۇيانقى 5 يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇلمەتلىك 5 يىلدۇر»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» سەرلەۋھەلىك باش ماقالىدە 2014-يىلى «2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى مەدھىيەلەنگەن.

ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئانالىزچىلاردىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان 5 يىلنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ئەڭ زۇلمەتلىك 5 يىل دېيىشكە بولىدىكەن. ئۇ بۇ 5 يىلدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈزلەنگەن 5 يىل دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسى: «خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنمەكتە»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتايدا تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى باشقا بىمارلارغا كۆچۈرۈپ، زور پايدىغا ئېرىشىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر خەلقئارانىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى قوزغىماي كەلگەنىدى. پەقەت لوندوندىكى غەيرىي رەسمىي خاراكتېرلىك بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كوللېگىيەسىنىڭ يېقىندا كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشتە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. مەزكۇر كوللېگىيەنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 60 بەتلىك دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي فالۇنگوڭچىلارنى ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ، ئىچكى ئەزا يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق بىمارلارغا سېتىپلا قالماي، ئۇ يەنە «ئورگان بانكىسى» قۇرۇپ، يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا يۈزلەنمەكتىكەن.

تەپسىلاتى...

جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن جەنۋەدە نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

د ئۇ ق نىڭ بىۋاسىتە تەشەببۇسى بىلەن 24-ئىيۇن كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق جەنۋە نامايىشى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 17-ئىيۇن كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابى ئالدىدا 24-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە 7-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ياكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن 24-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 41-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى سۆزلەتمەكچى بولغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ساختىكارلىقىغا قارشى ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىشى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 6-ئاينىڭ 15-16-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كوماندىلارنىڭ ئەزالىرى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرچە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا پاراتتىن ئۆتتى. مۇسابىقىگە ساھىپخان بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە 6 دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق كوماندا ئەزاسى قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. 

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە 8-ئىيۇن كۈنى شادىمانلىق ۋە ئۈمىدلىك تىلەكلەر ئىچىدە ئاياغلاشتى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى بىر كېچىدىلا مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويغان لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەپتىلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى ھەپتىلىكتە د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىزچىل داۋام ئەتتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بولۇپمۇ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نىڭ د ئۇ ق غا تەقدىم قىلىنىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. بۇ جەھەتتە سۆز بولغاندا بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئ‍ۇ ق: «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ​

ئەزىز قېرىنداشلار، «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

تەپسىلاتى...