خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان شەكلى ئۆزگەرگەن نازارىتى – تور خاككېرلىق ھۇجۇمى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
يېقىندا ئامېرىكادىكى «فوربېس» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە «ياغاچ ئات» ناملىق خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ مەخسۇس «ئالما» ياكى «ئاندرويىد» تېلېفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 4-سېنتەبىرگە كەلگەندە ئامېرىكادىكى CNN تورىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
«خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئالما› ۋە ‹ئاندرويىد› تېلېفونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئاپتور چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان داڭلىق تور بەتلەردىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى قانداق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
تەپسىلاتى...