دئۇق: 12- ”ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسى” ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

15970754_10158056458450174_880785578_n

دئۇق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى “دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن…” پروگراممىسىنىڭ 12-قېتىملىقى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 29-31-كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دئۇق 2007-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش پروگراممىسى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، 11 قېتىملىق پروگراممىنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇردى.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن: 2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە، 2008-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، 2010-يىلى 4-ئايدا بېلگىيەدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا، 2011-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ سيدنېي، ئادېلەيىد ۋە مېلبورىن شەھەرلىرىدە، 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، 2013-يىلى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، 2014-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 11-ئايدا جەنۋەدە، 2015-يىلى 4-ئايدا ۋاشىنگتوندا، 2016-يىلى 4-ئايدا بېرلىن شەھىرىدە ئوخشاش بولمىغان تېمىلار بويىچە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ۋە خەلقئارا قانۇن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق دئۇق نى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان 5 -فېۋرال نامايىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ئەزىز قېرىنداشلار، 1997-يىلى يۈزبەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 20-يىللىق خاتىرە كۈنى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

سىزلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، خۇددى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن زور سىياسى ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنىچلىق نامايىشىمۇ، خۇددى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە ئازاتلىقى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان ئەۋلاتلىرىمىزنى قەلبىمىزدە ئەبەدىيەن ياشنىتىش، ئۇلارنىڭ كۈرەشچان ئىرادىسى ۋە مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىش بولسا ھەممىمىزنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىزدىن ئىبارەت !

شۇنىڭ ئۈچۈن، غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 20-يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى بىگۇناھ خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بەرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ قېتىمقى نامايىشقا تولۇق قاتنىشىپ بېرىشكە چاقىرىمىز !

ئەزىز قەرىنداشلار، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر خەلقى نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇققا، شۇنداقلا خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ مىلتىق -زەمبىرەكلىرىگە پىسەنت قىلماي، مەردانىلارچە كۆكرىگىنى كېرىپ مەيدانلارغا تۆكۈلۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان نارازىلىقلىرىنى نامايەن قىلىشقان ئىدى، شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتەن ئىچىدىكى باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئېزىلىۋاتقان ۋە قىرىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دات-پەرياتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇيغۇزۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسۈتۈشىمىز لازىم !

نامايىشنىڭ ۋاقتى : 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ( شەنبە ) سائەت 15:00-16:30 گىچە
نامايىشنىڭ ئورنى : مىيۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى
ئېھتىرام بىلەن :
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى

تەپسىلاتى...

ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق فېستىۋالى»غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

image28-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىليات شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەل-سالام» (تىنچلىق فېستىۋال) غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر فېستىۋالغا قاتنىشىۋاتقان «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى نۇرمۇھەمممەت تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېستىۋالدا ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پولو ۋە كاۋاپ قاتارلىق تاماقلارنى تەييارلاپ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان.

فېستىۋالدا ئۆزگىچە تائاملىرى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئادىلايت شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى فرانكېس بېدفور خانىم سەممىي ھال سورىغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
6c974ba6-94a2-4562-a483-5fe56f0d7637

26-يانۋار د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى داۋامىدا بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن پارلامېنت ئەزاسى، ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا لوھ بېھلەر خانىمنىڭ قوبۇلى بىلەن سائەت 11:00 دا باشلانغان ئىدى. سائەت 12:00 دىن كېيىن، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىم ئامېرىكىدىن يېتىپ كېلىپ، چۈشتىن كېيىنكى سۆھبەتلەردە د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بولدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەزالىرى قوبۇل قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

eb39e489-4e85-4035-b95b-2d2284ba489f

25-يانۋار ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلىرى قوبۇل قىلدى.

23-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلمار بروك ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋېرونىكا فۇھىرمان، پارلامېنت ئەزاسى، مۇھىت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كوللىن لاڭېس ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى، پارلامېنت ئەزاسى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋە ئادالەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گىرىسبېك خانىم ھەمدە پارلامېنتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە 2 مۇھىم ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى قوبۇل قىلدى. بۈگۈن كەچتە يەنە ئىككى ئورگاننىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلەر بولماقچى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى تېخىمۇ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

2839ruffياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرى 24-يانۋار پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.

شۇ تاپتا سىلەرگە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدىن مەلۇمات بېرىۋاتىمىز.

24-يانۋار د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى كۆپ ھەم زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما ياردەمچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئەزاسى لۇسىيا ھەمدە قۇرۇلتاي تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇ بىر كۈندە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆزىگە لايىق مۇھىم ۋەزىپىلىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتتا قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارارلار قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولغان ھەمدە ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللىغان كىشىلەر ئىدى. مەسىلەن: ئۇلارنى سائەت 11:00-12:00 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت ئىجتىمائىي ئەركىنلىك، ئادالەت ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پال چاكي ئەپەندى قوبۇل قىلدى. سائەت 12:30-13:30 گىچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى (مىللەت ۋەكىلى)، تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى توماس مان ئەپەندى قوبۇل قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

458aceca-b928-427c-98ed-c6ef60389d76

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى 23-يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلاندى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەمدە قۇرۇلتاي تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشى 22-يانۋار كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، 23-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى؛ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ياۋروپا كومىسسىيەسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ھالدا كېلەر ئايلاردا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىشتىن ئىبارەت.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا: خىتاي ئۆزىنىڭ ئىتالىيەدىكى ھېمايىچىسىدىن پايدىلىپ ئۇيغۇرلارنى قارىلاۋاتىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

4-نويابىimageر ئىتالىيەدىكى مودېرن دىپلوماتسىي تور بېتىدە، ئىتالىيەلىك مۇتەخەسسىس گىئانكارلو ئېللىئا ۋالورىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر «ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر» ناملىق چاتما ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئاپتور بەزى بىر ئاساسسىز پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، كۈندىن-كۈنگە خەلقئارالىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قارىلىغان.

ماقالىدە ئاپتور، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە «جىھات ھەرىكىتى» دەپ باھا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتايغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ شۇنداقلا ئاپتور دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانىڭ 2009-يىلى كورىيەگە يىغىنغا بارغاندا كورىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ 2016-يىلى ھىندىستانغا كىرىشىگە ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

تەپسىلاتى...