بىڭتۇەن – ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپ
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
بىڭتۇەن – شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مىللىي زىددىيەت، مىللىي ئىختىلاپ، مىللىي توقۇنۇش، مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش مەنبەسىدىن ئىبارەت. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانىدانلىق تىكلىۋالغان بىڭتۇەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنى ۋە باشقا تۈرلۈك ھەق – ھوقۇقلىرىغا بىۋاسىتە دەخلى – تەرز يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ بېرىشى، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا جىددىي ئەندىشە ۋە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، بىڭتۇەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن بىڭتۇەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنۇڭ ئىشغالىدىكى يەر – زېمىن ۋە مۈلۈكلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل تەكلىپ ۋە نارازىلىقلارغا قىلچە پەرۋا قىلغىنى يوق.
مەسىلەن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2009 – يىلى 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان 400 كىشىلىك غايەت زور تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى، بىڭتۇەننى قانداق قىلىپ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش مەسىلىسى بولسا، بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان.