1949 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زور ھادىسىلەر

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يېلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ” 1 – ئۆكتەبىر ” نى، ” شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ماتەم كۈنى” دەپ جاكارلاپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949 – يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئېيى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي ھادىسىلەر جەريان قىلغان ناھايىتى مۇھىم تارىخىي زامانلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ ئاي ئىچىدە كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھاياتىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر تراگېدىيە باشلانغان ئىدى.

ئۇنداقتا، 49 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا قانداق سىياسىي ھادىسىلەر يۈز بەردى ؟

10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى : خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شەرقىي تۈركىستاندىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بەزى جىڭغا بېرىپ دۆلەت مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئۇلار ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىندى.

10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى : خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغان گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى ۋە گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى تاۋسىيۆنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەيداندا 10 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشىدا “جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى” نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى دەڭ لىچۈنمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن جامەلەرنىڭ ئىشىك – دەرۋازىلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشى چاپلانغان بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتا، تۆۋەندىكى 5 خىل كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان:

بىرىنچىسى، پارتىيە – ئىتتىپاق ئەزالىرى؛
ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار؛
ئۈچىنچىسى، 18 ياشقا توشمىغان ياش ئۆسمۈرلەر،
تۆتىنچىسى، كەنت كادىرلىرى؛
بەشىنچىسى، ئاياللار؛

يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشنى مۇجەسسەملىسەك، ” ئۇيغۇرلار دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ ” دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېقىن، بۇلارنىڭ يېرىمىنى ئايال دېسەك، 5 مىليون، ” شىنجاڭ يىلنامىسى ” دا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان 400 مىڭدىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسى، 320 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بار، 18 ياشتىن تۆۋەنلەر، يەنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليوندىن كۆپرەك، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كەنت كادىرلىرىنىڭ سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا، يەرلىكلەردىن بولغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ سانىمۇ 100 مىڭدىن كەم ئەمەس،

تەپسىلاتى...

قەشقەر قەدىمى شەھىرىنىڭ يوقىلىشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشىدىن ئىبارەت

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقىغا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، ” يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى بەرپا قىلىش ” دېگەن نىقاب بىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.

” خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە قارىتىلغان ” خەتەرلىك ۋە كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ” باشلانغاندىن بۇيان، 4678 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلانغان.

قەشقەر قەدىمىي شەھرى جەمئىي 28 ئولتۇراق رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ئائىلىلەرنىڭ سانى 65 مىڭدىن كۆپرەك، جان سانى بولسا 220 مىڭ نەپەرگە يېقىن بولۇپ، بۇلار، پۈتۈن  قەشقەر شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بولسا، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، پۈتۈن ئاھالىلەرنى يېڭى سېلىنغان بىنالارغا كۆچۈرۈپ بولۇش بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 8835 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلىنىدىكەن.

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، يەنە 5 يىلدىن كېيىن قەشقەر قەدىمىي شەھرى يەر شارىدىن پۈتۈنلەي غايىب بولىدۇ دېگەن گەپ.

بۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنىڭ يوقىلىشىدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قەدىمىي ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخقا كۆمۈلۈشى دېمەكتۇر.

تەپسىلاتى...

” ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ” نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە ماھىيىتى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۈگۈن، خۇددى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا مىللىي ساھەلىرىگە ئوخشاشلا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مىللىي مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلار، يازغۇچى – ئەدىبلەر، شائىرلار، تارىخچىلار ۋە سەنئەتكارلارمۇ زور سىياسىي بېسىم، تەھدىت  ۋە چەكلىمە ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

مەسىلەن، ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزات، ” ياۋا كەپتەر ” ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىنغا ئوخشىغان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھازىر خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى، “قەدىمكى ھۈنەر- سەنئەت رىسالىسى”، “ئۇيغۇرلار”، “ھونلارنىڭ قىسقىسى تارىخى”، “قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى”، “چالا تەگكەن ئوق”، ” ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى”، “لېيىغان بۇلاق”، “دېھقان بولماق تەس”، “ئويغانغان زېمىن”، “سوۋغا”، “قۇم باسقان شەھەر”، “يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام”… دېگەندەك مىڭلىغان نادىر ئەدەبىي ۋە سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ، يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىنغانلىقىنى، يەنە كۆپلىگەن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ سەھنىگە چىقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك،  خىتاي ھۆكۈمىتى  2002 – يىلنىڭ  بەشىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ” ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ” دېگەن نامدا  مەخسۇس سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، مىللىي ئەدەبىيات – سەنèت ۋە  مىللىي مائارىپ ساھەسىنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا  بىر قاتار چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىنى پەيدىن – پەي كېڭەيتمەكتە. گەرچە  60 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  بىر يېڭىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بىرقانچە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر زور بىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى  يېزا نوپۇسى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى قوشۇنى ۋە يىلتىزىدىن ئىبارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە باھا بېرىشتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ  ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسى  ئۆلچەم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىللاردىن بۇيان خۇددى توختام سۇدەك بىر ئىزىدا تۇرۇپ كەلمەكتە  ۋە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزا – قىشلاقلىرىدا تېخىچە ئاچ – يالىڭاچلىق ۋە موھتاجلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە.

شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ شىددەت بىلەن چوڭىيىشىغا ماس ھالدا، شەھەر  پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىغا  ئىستېمال، تۇرالغۇ، پەن، مەدەنىي – مائارىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات … قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتلەردىكى پەرقلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا  ۋە بۇ خىل  پەرق شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ھالدا ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرمەكتە.

خۇددى خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدا  بىرقانچە ھەسسە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى راست، ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندا ئىدارە – جەمئىيەتلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنىڭ  خىتايلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى بىر ئەمەلىيەت.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنى يىلدىن – يىلغا تارىيىپ بارماقتا

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئەڭ ئاددىيسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخى ” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ” قۇرماي تۇرۇپلا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە قىلغانلىقى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىدى.

مەسىلەن، ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، يېن، 1954 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ” ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بۆرىتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ” ، ” قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ” قاتارلىق 5 ” ئاپتونوم ئوبلاست “، يەنە ” چاپچال شېۋە ئاپتونوم ناھىيىسى “، ” تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ” … قاتارلىق  6 ” ئاپتونوم ناھىيە ” تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1955 – يىلى ” ئاپتونوم رايون ” قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەمۇرى رايون پەقەتلا قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 5 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەر كۆلىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى يەر كۆلۈمنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى.

تەپسىلاتى...

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

1.نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى :

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 3000 نەپەر، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 1500 نەپەر، ئۇلار 40 – 50 كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ شەھەردىكى 30 دىن ئارتۇق نوختىدا نامايىش ئېلىپ بارغان، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئەمما، شاھىتلارنىڭ ۋە بەزى تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 – ئىيۇل كۈنى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەر ۋە  ساقچىلارنىڭ ئومۇمى سانىمۇ 10 مىڭ ئەتراپىدا.

2.ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى

تەپسىلاتى...

شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

1.شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يۈز بەرگەن شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ سېسىق نامى پۈتۈن جاھانغا  پۇر كەتتى، ” شاۋگۇەن ” دېگەن بۇ ناممۇ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ خىتايچىلىقنىڭ ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.

خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان  گۇڭ دوڭغا قاراشلىق شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ 2008 – يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 3 مىليون 230 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، نوپۇسنىڭ 98.32 پىرسەنتى خىتاي.

بۇ شەھەردە خىتايدىن باشقا يەنە ياۋزۇ، مانجۇ، تۇڭگان … قاتارلىق 31 مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ توپلام نوپۇسى ئاران 45 مىڭ 900 نەپەر ۋە ئومۇمى نوپۇسنىڭ 1.68 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. شەھەر تەۋەسىدە ” ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى” تەسىس قىلىنغان.

شاۋگۇەن شەھرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سانائەت ۋە ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شەھەرگە يىلدا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىليون كىشىدىن ئاشىدۇ

تەپسىلاتى...

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە ئۇنۇڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە

دۇق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى

مانجۇلارنىڭ 200 نەچچە يىل مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان خىتايلار، 1911 – يىلى دوكتور سۇن جۇڭسەن باشلامچىلىقىدا مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، ” خىتاي جۇمھۇرىيىتى ” نى قۇردى.
گەرچە سۇن جۇڭسەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى  ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

خۇددى سۇن جۇڭسەن ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىلىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، 1949 – يىلى ” خىتاي جۇمھۇرىيىتى ” نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ” جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ” نى قۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ۋەدىسىدىن يېنىپ، 49 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان رايونىنى مەجبۇرى ئىشغال قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى  ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دېگەن نامدا  ئىسمى بار، جىسمى يوق قورچاق بىر ئاپتونوم ھۆكۈمەتنى قۇردى  ۋە بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون ” نىڭ ئىچىدە يەنە 5 ئاپتونوم ئوبلاست، 6 ئاپتونوم ناھىيە ۋە 42 ئاپتونوم يېزا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار ھەرقايسى رايونلاردا نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى پەيدىن – پەي يوقىتىشقا باشلىماقتا

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
 
كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگەرمەس ئىستراتېگىيىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، سان جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋە غايەت زور خىتاي قاينىمى ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
 
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە تەشۋىقات نوختىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشكە قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە.
 
2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى  ” ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى “، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 586 مىڭ 300 نەپەر.
 
گەرچە بۇ قېتىمقى ستاتىستىكىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سانى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ئومۇمى نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 9 مىليون 650 مىڭ 600 نەپەر ۋە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 46.06 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
 
ئەمما بەزى چەتئەل ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئاز قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قېتىم ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 18 – 20 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
شۇنىڭ ئۈچۈن د ئۇ ق نى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ساننى ئۆلچەم قىلىپ كەلمەكتە.
 
خىتايلارنىڭ سانى 8 مىليون 239 مىڭ 300 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 39.33 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ” ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى “، بىڭتۇەن تۇەن تەركىبىدىكى 3 مىليونغا يېقىن خىتاينىڭ بۇ ساننىڭ ئىچىدە بولۇپ – بولمىغانلىقىغا ئىزاھات بەرمىگەن.
 
 قازاقلار 1 مىليون 483 مىڭ 900 نەپەر بولۇپ، 7.08 پىرسەنتىنى، تۇڭگانلار 943 مىڭ نەپەر بولۇپ، 4.50 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
قىرغىزلار 0.87 پىرسەنتنى، موڭغۇللار 0.85 پىرسەنتنى، تاجىكلار 0.21 پىرسەنتنى، شىبەلەر 0.20 پىرسەنتنى، مانجۇلار 0.12 پىرسەنتنى، ئۆزبېكلەر 0.08 پىسەنتىنى، رۇسلار 0.06 پىرسەنتنى، داغۇرلار 0.03 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ.
 
يۇقىرىقىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي نىسبىتىمۇ ئاران 0.59 پىرسەنتتىن ئىبارەت.
 
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۆز ۋەتىنىدە تۇنجى بولۇپ 1980 – يىلىغا كەلگەندە 50 پىرسەنتنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان، شۇ يىلى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

تەپسىلاتى...