زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە مۇھاكىمە

بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە، مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدىغان ئوغلانلىرى يوق مىللەت تارىخ بېتىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغۇل- قىزلىرى تارىختىن بۇيان تاجاۋۇزچىلارغا، زۇلۇمغا قارشى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆز پىداكارلىقىنى كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە ئىمانى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنى، ئەزىز جانلىرىدىن كېچىپ، مىللەتنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا بىز ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە ۋە تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. باتۇر، قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلابى ئەنە شۇ شانلىق تارىخنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

زەيدىن يۈسۈپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 1964 – يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى ئىككى قېتىم قەشقەر مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بولغان. 1989 – يىلىدىن كېيىن بارىن يېزىسىدا “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى” قۇرۇشقا كىرىشكەن ۋە ئەزا قوبۇل قىلغان. قورال ـ ياراغ تەييارلىغان. قاغىلىقلىق دوستى ئوبۇلقاسىم بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ بارىن يېزىسىدا مۇجاھىدلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بارىن ئىنقىلابىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان. 1990- يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن خىتاي زالىملىرىغا قارشى جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغان. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياقتان يېرىنى جەننەتتە، نۇر ئىچىدە قىلغاي. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ قەھرىمانىدىن پەخىرلىنىدۇ، ھۆرمەت، سېغىنىش تۇيغۇسىدا ئەسلەيدۇ ۋە خەلقنى ئەركىنلىك، ئازاتلىققا ئېرىشتۈرگەنگە قەدەر بۇ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.

بارىن ئىنقىلابى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بارىن يېزىسىغا توپلاشقان بىر قىسىم ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1989 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بارىن يېزىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان. بىر مەزگىللىك تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، مەزكۇر تەشكىلات 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تاڭ سەھەردە، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى رەسمى جەڭ ئېلان قىلغان. 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن باش قوماندان زەيدىن يۈسۈپ جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغان. مۇنتىزىم ئۇرۇش شۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى كەچقۇرۇنغىچە داۋاملىشىپ، ئاخىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

گەرچە بارىن ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر ئىنقىلاب. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە باش ئەگمەيدىغان، قۇل بولۇشنى خالىمايدىغان ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان كۈن. ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن جاراڭلىق سىگنال، شۇنداقلا ئەركىنلىك ئۈچۈن دۇنياغا جاكارلانغان كۈچلۈك بىر خىتاب.

بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس قەتئىي ئىرادىسى، قەھرىمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان تەۋرەنمەس ئارزۇسى، روھىنى نامايان قىلدى. بىز بارىن ئىنقىلابىنى سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز ھەمدە بۇ ئىنقىلابتا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان شەھېدلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت، ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز، زەيدىن يۈسۈپتەك قەھرىمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز. بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقۇنلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ يالقۇنجايدۇ.

دۇق تەتقىقات مەركىزى
يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى – 2021

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ئارمىيە – بىر دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى، شۇ دۆلەت خەلقلىرى، ئۆز دۆلەت زېمىنىدا ئەركىن، زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشىشىنىڭ ئاساسى. ئارمىيىسى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالى بولالايدۇ، خەلقلىرىمۇ زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945- يىلى 2- ئايدا ئېلى ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي ئازات قىلدى. نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىپە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزىنىڭ پارتىزان قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قوشۇننى ئۇمۇمىي يۈزلۈك قوراللاندۇرۇش، ھەربىي مەشقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ ۋاقىت يېرىم مىليون ئەتراپىدا نوپوسى بولغان ئەلى ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئازات بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى قۇرۇشتىكى شەرت- شارائىتىنى ھازىرلىغان ۋە تەقەززا قىلغان بىر شارائىتتا ئىدى.
1945- يىلى 2-ئاينىڭ 6- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، „19- نومۇرلۇق قارارنى“ ماقۇللاپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنى قاراردىن ئۆتكۈزدى. بۇ قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىكى 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان بارلىق گراژدانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتى 3 يىل بولۇش بەلگىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئازات قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئەلىپ بېرىش، ئازاتلىق ئۇرۇشى ئېھتىياجى دەۋرى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، بارلىق ئەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى،بارلىق ھەربىي چىقىمنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى، ئەسكەر- ئوفىتسېرلارنىڭ كىيىم- كېچەك، ئوزۇق- تۈلۈك، قورال بىلەن تەمىنلەشنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەربىي سەپكە قاتناشقانلار ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ جان- سانىغا ئاساسەن قوشۇمچە ياردەم قىلىش قاتارلىق بەلگىلەندى.
1945- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئارمىيىنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن „21 نومۇرلۇق قارار“ نى ماقۇللىدى. „ 21 نومۇرلۇق قاراردا“ : ھەربىي قوشۇننىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ 1300 تۇياق ئات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇن، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش بەلگۈلەندى.
1945- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلماقچى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرەدە: شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق شتابىنى „ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي قوماندانلىق باش شىتابى“ غا ئۆزگەرتىش، باش شتاب تەركىبىدە سىياسى بۆلۈم، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، رازۋېتكا بۆلۈمى، جەڭ قىلىش بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بولۇشى قارار قىلىندى.
ئەينى چاغدا رەھىمجان سابىر ھاجى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارمىيە قۇرۇشتىكى مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. بۇ ھەي ئېت رەھىمجان سابىر ھاجى يېتەكچىلىكىدە، ئىۋان پالىنوف، ئەخمەتجان قاسىمى، تېيىپ ھاجى باسىتوف، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ زاپقان. ئۇلار قۇرۇلغۇسى مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ئىنتىزام – قائىدىلىرى، قوشۇنلارنىڭ تۈرى، ھەتتا ھەربىي فورما، بايراق، شۇنداقلا بارلىق ھەربىي قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ توغرىدىكى تالاش- تارتىش نەتىجىسىدە، ئارمىيە قۇرۇشتىكى لاھىيەنى ئىشلەش خىزمىتى ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمغا ھاۋالە قىلىنغان. ئارمىيە قۇرۇشتىكى لاھىيە، مۇزاكىرە جەريانىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان. بەزىلەر تۈركىيەنىڭ ئۇسۇلى بويىچە“ شەرقىي تۈركىستان ئوردىسى“ دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلەر „ئىسلام قوشۇنى“، „ئازاتلىق قوشۇنى“ „مىللىي ئارمىيە“ دەپ ئاتاشتەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەخمەتجان قاسىمى، تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى توغرىسىدا تۈزگەن لاھىيەسى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قايىل قىلىدۇ، ئەلىخان تۆرىمۇ لاھىيەنى قوبۇل قىلىدۇ.
لاھىيەدە قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنى „ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى“ دەپ ئاتاش، ھەربىي فورما، قوشۇن تۈزۈلۈشى، ئۇنۋان، ۋە باشقا تەرەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقان، مەلۇم دەرىجىدە ياردەم كۆرسىتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ مودەلىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ لاھىيەنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولغان.
ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمۇلىرى، ئۇنۋان ۋە قوشۇن تەركىب سىستېمىسى، چار روسىيە ۋە سوۋېت ئارمىيەسى مودەلىنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاگون، كاكارلىرى، ۋە ئوردېنلىرى شۇنىڭدەك كىيىم ۋە بىر قىسىم ھەربىي قائىدىلىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىگى، غايىسى بويىچە بېكىتىلگەن.
كاكارلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان كۆكۈش رەڭلىك ئاينىڭ ئىچىگە ئېلىنغان يۇلتۇز بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان. ھەربىي بايراق يېشىل رەڭلىك بولۇپ، بايراققا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان ئاي- يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مېدال- ئوردېنلارغىمۇ ئاي- يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇپ لاھىيەلەنگەن.
ھەربىي ئۇنۋانلار تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقۇرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان تۈزۈمى بويىچە تەسىس قىلىنغان. ئالى دەرىجە مارشال، گېنېرال لېتنانت بولۇپ، مارشال ئۇنۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. ھەربىي ئۇنۋان، ئاتالغۇلىرى، كۆپىنچە سوۋېت ئارمىيەسى ئاتالغۇسى بويىچە رۇسچە ئېلىنغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار خەلقارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار ئىدى. يەنى ئارمىيە، كورپۇس، دىۋىزىيە، پولىك، باتالىيون، روتا، مارشال، گېنىرال، پولكوۋنىك، مايور، كاپىتان قاتارلىقلار.
1945- يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بۆلۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، قۇرۇلۇشى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى مۇنتىزىم قوشۇنلىرى، شۇنىڭدىن باشلاپ رەسمى تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى دەپ ئاتالدى.
جىددىي تەييارلىق قىلىش، پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، غۇلجا، سۈيدوڭ ۋە باشقا جايلاردا قۇرۇلغان پولىك، باتالىيونلار رەسمى تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم ئاتلىق، پىيادە پولىك، باتالىيونلىرىغا ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلار يەڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇنتىزىم ھەربىي مەشققە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
1945- يىلى- 4-ئاينىڭ 3- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ، „43- نومۇرلۇق قارار“ نى ماقۇللىدى. „ 43 نومۇرلۇق قارار“ دا، ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىي فورمىلىرى، ھەربىي ئۇنۋانلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ئارمىيەسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بېكىتىلدى.
غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم پولىك، باتالىيونلار ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى جاكارلاش ۋە پاراتتىن ئۆتۈشكە جىددىي تەييارلىق قىلدى. كوماندېر- جەڭچىلەرگە يېڭىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمۇلىلىرى تارقىتىپ بەرىلدى.
1945- يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى تۇغ مەيدانىدا داغ- دۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە تەن- تەنە بىلەن رەسمى جاكارلىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ خوجا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىرىدىن ئىشاقبېگ مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرى، ھەربىي رەھبەرلەر ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىدا سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.
ئېلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كاپالىتى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيە- شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، غۇلجىدا ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن باشقا غۇلجا خەلقى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە- جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 10 مىمگدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەيدان گۈلدۇراس ئالقىش ساداسىغا تولدى. ئارقىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ باش، مۇئاۋىن قوماندانلىرى، شىتاب باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى قوشۇنلار كوماندېرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى پولىك، مۇستەقىل باتالىيونلارغا“ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن“ ئالغا“ دىگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئاي- يۇلتۇزلۇق يەشىل، ھەربىي بايراقلارنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ئېلىخان تۆرە ئۆز قولى بىلەن بايراقنى ھەرقايسى قىسىم كوماندېرلىرىغا تاپشۇرىدۇ. كوماندېرلار بايراقنى ئوڭ قولى بىلەن يۈزىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىشتى.
بايراق تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنىرال ئىۋان پالىنوف قوماندانلىقىدا، ئېلىخان تۆرەنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەرقاسى پولىك، مۇستەقىل باتالىيونلار ئۆز رېتى بويىچە پاراتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ھەيۋەتلىك مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى رەت- رېتى بويىچە، مارش دەسسەپ پاراتتىن ئۆتكەندە ھاياجانغا چۆمگەن غۇلجا خەلقى چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىدىن پەخرلىنىپ كۆز- ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئاي- يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكىلار ھەممە ياقنى قاپلىدى.
بۇ كۈن پەقەت غۇلجا خەلقىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. „شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى“نىڭ قۇرۇلۇشى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە، مۇستەقىللىققا تەشنا ئارزۇسىنى نامايەن قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەس قەت íي ئىرادىسى ۋە كۈرەشچان جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2021- يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى.

تەپسىلاتى...

نورۇز ھەققىدە مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

دۇنيادا ھەر دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ „يېڭى يىل“ نى باشلاش ۋاقتى ئوخشاش ئەمەس. قەدىمقى زاماندا، كۈن، ۋاقىت، ئاي- يىللارنى ئەنىق ھىساپلايدىغان ئاسترونومىيەلىك يازما كالېندار يوق ئىدى. ئەينى زاماندىكى مىللەتلەرمۇ يېڭى يىلنى قاچان باشلاپ، يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگەن.

قەدىمقى زاماندا بەزى قوۋملار ئۆزلىرى ئۈچۈن چوڭ، ئەھمىيەتلىك بولغان كۈننى يېڭى يىل بايرىمى قىلغان. بەزى قوۋملار بولسا يېڭى يىل كۈنىنى پەسىل مەزگىلىگە ۋە ھاۋارايىغا قاراپ بەلگۈلىگەن. يەنە بەزى قوۋملار يېڭى يىل بايرىمىنى، دىنىي ئېتىقات بويىچە بەلگۈلىگەن. دىمەك، دۇنيادا كۆپ مىللەتلەرنىڭ يىل بېشىنى بايرام قىلىش ئادىتى ئۇزاق ئۆتمۈش، تارىخىي جەريانىدا شەكىللەنگەن. بۇ ۋاقىت كاتېگورىيەسىگە باغلىق ھالدا، مىللەتلەرنىڭ ۋاقىت چۈشەنچىسى، تۇرمۇش ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق، يىلنىڭ مەلۇم چاغلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز دەسلەپتە، يېڭى يىلنى „يىل بېشى“ ياكى „كۈن تۇغدى“ دەپ ئاتىغان. كېيىنچە تەخمىنەن 5- ئەسىردىن كېيىن ئىرانلىقلاردىن „ نورۇز“ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، „باھار بايرىمى“ “ نورۇز بايرىمى“ دەپ ئاتايدىغان بولغان. „ نو“ نىڭ ئوقۇلىشى „نەۋ“ بولۇپ „“ يېڭى“، ئېرىغ“ دىگەن مەنىدە. „رۇز“ نىڭ مەنىسى „ ئاپتاپ“، „ قۇياش“ كۆتۈرۈلۈپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ دىگەنلىكتۇر. دىمەك، „نورۇز“، „نەۋرۇز“- يېڭى كۈن، قۇياش يېڭىدىن تۇغۇلغان، يەنى ياشارغان كۈن دىگەنلىكتۇر.

تەپسىلاتى...

8- مارت خەلقارا خانىم- قىزلار بايرىمى

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

1857- يىلى 8- مارت كۈنى، نيو-يوركتىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ئايال ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەمسىتىشكە قارشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھەق- ھوقۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نامايىش قىلىپ،  ئۆز ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەركەت تەدرىجى كېڭىيىپ، 8- مارت كۈنىنى خاتەرلەش ئەن ئەئىنىگە ئايلانغان. بۇ ھەركەت ياۋروپاغا كېڭىيىپ 1910- يىلى،  تۇنجى بولۇپ 8- مارت دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا خاتېرلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياۋروپادىكى باشقا ئەللەرگە تارالغان. ئەينى چاغدا ھەرقايسى ئەل- ھۆكۈمەتلىرى،  ئاياللارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان سىمۋول خارەكتىرىدىكى 8- مارت كۈنىنى خاتېرلەشنى ۋە بۇ كۈننى بايرام قىلىپ بېكىتىشنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان بۇ جەھەتتىكى كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، 1975- يىلى بدت- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،  8- مارت كۈنىنى „8-مارت ئاياللار بايرىمى“ دەپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بايرامنى خاتېرلەش غەرپ ئەللىرى، بىر قىسىم 3- دۇنيا ئەللىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىدە ئورۇن ئېلىپ، ئاياللارنىڭ ھەق- ھوقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىر نىشانى سۈپىتىدە خاتېرلىنىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تارىخىي جەرياندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەق- ھوقۇقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە بۇ يولدا بەدەل تۆلىگەن، ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزۇپ، ئەزىز جانلىرىنى ئاتىغان „ يەتتە قىزلىرىم، „نۇزۇگۇم“ „رىزۋاڭۈل“دەك ئايال قەھرىمانلىرىمىز مەيدانغا كېلىپ تارىخىمىزنىڭ شانلىق بەتلىرىنى يازغانلىقىنى كۆرۈۋالاايمىز.

تەپسىلاتى...

مەشھۇر دىنىي ئالىم، ئەدىپ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھاياتى توغرىسىدا

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1939 – يىلى 4 – ئايدا ئاتۇشتىكى تونۇلغان دىنىي ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات سالىھ داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

كىچىكىدىنلا ئىلىم – مەرىپەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەپ قارى بولغاندىن كېيىن دادىسىدىن دەسلەپكى دىنىي بىلىملەرنى ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1956 – يىلى ئۇ ئىسلام ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى ئىلىم تۈرلىرىدە پۇختا ئاساسقا ئىگە بولغان ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، ئىسلام ئىنىستىتوتىدا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان ھامىد سۇلايمان قاتارلىق نوپۇزلۇق دىنىي ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەپسىر، ھەدىس، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئۆگەنگەن. 1960 – يىلى ئىنىستىتوتنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن، مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1984 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەن.

1987 – يىلىدىن باشلاپ پىنسىيىگە چىققۇچە بولغان جەرياندا، ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا مۇدىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. خىزمەت جەريانىدا ئىنىستىتوتنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپ بىلەن يېڭىچە دىنىي مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ، مىڭدىن ئارتۇق دىنىي زىيالىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ دىنىي زاتلار ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن دىنىي جەھەتتە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە، بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئابدۇراخمان مەخسۇم ھاجىم مەرىپەتپەرۋەر، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان كىشى بولغاچقا، ئوغلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىچىگىدىن ياخشى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بەش يېشىدا ساۋادى چىققان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 12 ياشقا كىرگەندە ئەرەب، فارس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1916 – يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن رۇسيىنىڭ شەمەي شەھىرىگە بارغان. ئۇ شەمەي شەھىرىدە رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شۆتاڭغا كىرىپ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان. 1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىللە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ 3 يىل ئوقۇغان. 1926 – يىلى يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن يېڭىچە مائارىپنى تەرغىپ قىلىپ، گېزىت- ژورنال نەشىر قىلىشنى  تەشەببۇس قىلغان. 1927 – يىلى مەسلەكداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرپاندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ ئورۇندا مەكتەپ قۇرغان ۋە بىر باسمىخانا قۇرۇشقا ھازىرلىق قىلغان. ئەكسىيەتچى ياڭ زىڭشىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ باسما زاۋۇتى قۇرۇشىغا يول قويمىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1927- يىلى تۇرپان ئاستانىلىق مەھمۇت مۇھىتى ۋە پىچانلىق ئىسكەندەر خوجىلار بىلەن بىرلىكتە بىر „ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى” قۇرغان. 1932 – يىلى پارتلىغان تۇرپان خەلق ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ئىنقىلابنى ئاكتىپ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە قەتلى قىلىنغان.

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ مەركىزىي تېمىسى. شائىر پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ، ۋەتەن، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن

تەپسىلاتى...

دئۇق ئاخباراتى : خىتاينىڭ 66 يىللىق ئىشغالى ۋە 60 يىللىق ساختا ئاپتونومىيىسى ئاستىدىكى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا قىسقىچە بىر نەزەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، قانلىق كۆز يېشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” دۈشمەن مىللەت ” دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۇتۇپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچ بىر ئار – نومۇس قىلماستىن، ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى، يەنە شۇنداقلا ” شىنجاڭنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 66 – يىللىقى ” نى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلانماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ” قوش بايرام ” دەپ جاكارلاپ، ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك سۈنئىي ۋە ساختا تۈسنى ئالغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە !

تەپسىلاتى...

5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمى جەريانى، خاراكتېرى ۋە ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا خېلى زور تەسىر قوزغىغان غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان شۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، خۇددى 18 يىل بۇرۇنقىدەك زور ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەيپىياتى ئىچىدە غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە جىددىي ھازىرلانماقتا.

بۇ، 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى تارىخىي ئەھمىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر تەسىرىنى ۋە ئۆچمەس ئىزىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوشۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا !

تەپسىلاتى...

دئۇق ئاخباراتى : ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئىلھام توختى ۋەقەلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇش، مىللىي زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىللەردىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى چىقارغان قانۇنلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقىگە قارىتا يۇمشاق ۋە مۆتىدىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە دالالەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

دئۇق ئاخباراتى : 5- فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2013 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى

ئەزىز يۇرتداشلار

بۇندىن 16 – يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، خۇددى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق نامايىشىمۇ، خۇددى بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 – فېۋرال  غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مىللىي رەھبىرىمىز ۋە رەئىسىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ھەرىكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى قايتا ئىزھار قىلىدۇ !

تەپسىلاتى...