2- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتابنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى 23 تەشكىلاتنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىلەن  20 دىن ئارتۇق  دۆلەت ۋە رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى،  سىياسىي ئاكتىپلار، لاگېر شاھىتلىرى،  زىيالىيلار، دىنى زاتلار ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ۋە ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەللىك سىياسىيونلار ۋە قانۇنشۇناسلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچىلارنىڭ قاتنىشىشىدا  گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى كۈن تەرتىپتىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولدى.

 

بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش،  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كېچىكتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنساننى چۆچۈتكۈدەك ۋەھشىيلىكتىكى ساقچى ئارخىپلىرىنىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بىر پەيتىگە توغرا كەلدى.

 

مىللىي كېڭەش ۋەكىللىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئىستراتىگىيەلىرى، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىڭ يوللىرى، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن تۈپتىن يۇقۇشۇش نىشانىغا ئايلانغان  ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ پاجىئەلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ  سىياسىي ۋە قانۇنى تەدبىرلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش تەخىرسىز مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشتى ۋە ئورتاق نۇقتىلاردا بىرلەشتى.

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ۋاكالىتەن مەزكۇر خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

 

مىللىي كېڭەش شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈپ نىشانى ئىكەنلىكىدەك تەۋرەنمەس پىرىنسىپنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ.

 

شۇنداقلا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز  ئىشغالىنىڭ، قۇرۇلغۇسى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئۇلىنى ۋە  شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان تاۋلىنىپ مۇستەھكەملەنگەن مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق، يۈرۈشلەشكەن ھالدىكى   مۇستەملىكىلەشتۈرۈش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك قەبىھ جىنايى قىلمىشلارنىڭ  يەتمەكچى بولغان نىشانىنىڭ،  دەل شەرقىي تۈركىستاننى ۋە خەلقىنى  مۇنقەرزلەشتۈرۈش ۋە مۇستەملىكىلەشتۈرۈش  باسقۇچىنى تاماملاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامەن خىتايلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ھالدا، خىتاي، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 152 دۆلەتنىڭ ۋەدىسى بىلەن قۇرۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سوت  ھېسابلىنىۋاتقان خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ، تەرەپدار دۆلەتلەرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى شەرھىيلىگەندە:   «تەرەپدار دۆلەتنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە جىنايەتچىلەرنى جازالاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەسئۇلىيىتى، شۇ دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ مەلۇم يېرىدە  ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا دائىر جىددىي بىر تەھدىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگەن ياكى بىلىشى كېرەك بولغان پەيتتە باشلانغان بولىدۇ» دەپ ئېنىق ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويغان  بولۇشىغا قارىماي، تەرەپدار دۆلەتلەرنىڭ، ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ  يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشتىن يالتىيىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدنى ئېلىش، جاۋابكارلارنى جازالاش ۋە قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل  پاسسىپ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق خىتاي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇش، ئېغىزاكى ئەيىبلەپ قويۇش، ھەتتا سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تۇتىۋاتقانلىقىنى، بۇ پاسسىپ قوللاش سەۋەبلىك خىتاينى جىنايى قىلمىشلاردىن ياندۇرۇش ئورنىغا  ئەكسىچە جاسارەتلەندۈرىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل پاسسىپ جىنايەت ئورتاقلىقىنىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى جىددىي خاتىرىلاتقان ھالدا، ھازىرغىچە 9 مىللىي پارلامېنتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلىك جىنايەتلەرنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت دەپ قارار ماقۇللىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا ھېچبىر ھۆكۈمەتنىڭ تېخىچە سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەتتا بۇ 9 دۆلەتنىڭ ئۆز پارلامېنتلىرىنىڭ ئالغان قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان تەرەپسىزلىكىدە ھېچبىر شۈبھە بولمىغان  ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان دەلىل ئىسپاتلار ئاساسىدا خىتاينى پاسسىپ قوللاش قارارلىرىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاساستا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئاتا مىراس قەدىم تۇپرىقىدىكى مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاساسىدىكى تۈپ غايىسىنى چىقىش قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا تىنچلىق يوللىرى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلىقى، دۇنيانىڭ  ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرو- ئاسىيا رايون بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئۇرغۇلىغان ھالدا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ  1961-يىلى 27-نويابىر كۈنى  1654 ( XVI ) نومۇرلۇق قانۇن ھۆكۈمىدىكى قارارى بىلەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئومۇمىي پىرىنسىپى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇستەملىكەسىزلەشتۈرۈش ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنامە نەتىجىسىدە  80 دىن ئارتۇق مۇستەملىكە دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 73 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى  قانۇنسىز ئىشغال قىلىپ ساختا ئاپتونومىيە ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھەر خىل كۆز بويامچىلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇلغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنيانىڭ دىققىتىدىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى،، خىتاي ۋە سوۋىيتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ  ۋە خەلقىنىڭ مىللىي ئىگىلىك ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ھەققانىي تەلىپىنىڭ ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىش ھەمدە كۈنتەرتىپنىڭ باش ماددىسى قىلىپ بېكىتىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئاساستا، مىللىي كېڭەش يەنە،

  1. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، خىتاي دۆلىتىگە، خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تاقابىل تۇرۇشقا، ئۆز ئانا ۋەتىنىمىزنى قايتىدىن ئىنشا قىلىپ،  ئۆز ئاتا مىراس تارىخى زېمىنىمىزدا ھۆر، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق  شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى  بەرپا قىلىشقا بولغان ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.
  2. ھېچبىر زۇلۇمنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا تارىختا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئېغىر بىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى،  شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۆلىگەن بۇ.ئېغىر بەدەلنىڭ، پەقەت ۋە پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق  مۇستەقىللىقى بىلەنلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدىغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىنى سورايدۇ.
  3. شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە باشقا ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ تېخىچە داۋام قىلىشىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىك جەھەتلەردىكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن ھەققانىيەتتىن ئۇزاق تۇرۇۋاتقان، ھەتتا مەۋجۇت رېئاللىقنى كۆرمەسكە سېلىپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق قىلىۋاتقان  تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ باش تارتىپ بولغىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل بىپەرۋالىقىنىڭ يەنە داۋاملىشىۋەرمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانداقتۇر ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك سۇيىقەست ئويۇنى»  ئەمەسلىكىنى، يوق بولۇۋاتقانلارنىڭ، قىرىلىپ ئۆلىۋاتقانلارنىڭ، مىليونلارچە جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان  خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، ۋەيران بولۇۋاتقان، چېقىۋىتىلگەن 16000 دىن ئارتۇق جامى ۋە كۆيدۈرۈلگەن «قۇرئان كەرىم» ۋە  ئسلامىي ئەسەرلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق قىممەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈرك ۋە ئىسلام ئالىمىنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارشى سەزگۈر بولۇشقا چاقىرىدۇ.
  4. ياۋروپا بىرلىكى ۋە كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان كەلگەنلىكىنى. مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ، جەنۋە ئەھدىنامىسىدە بۇ دۆلەتلەر ئورۇنلاشنى زىممىسىگە ئالغان قانۇنى مەجبۇرىيەتلىرى ئىكەنلىكىنى، مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە  كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دائىرىسىدە مۇئامىلە تۇتۇشنىڭ، ئەمەلىيەتتە دەل جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى يەڭگىللىتىش رولىنى ئويناپلا قالماستىن بەلكى جىنايەتچىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈش ئامىلىغا ئايلانغانلىقىنى.  داۋاملىشىۋاتقان سۆز ئويۇنلىرى ۋە دىپلوماتىك يۇمشاقلىق پوزىتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلارچە بىگۇناھ خەلقلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا، ئەركىنلىكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرى جەنۋە ئەھدىنامىسىدا قانداق تەرىپلەنگەن ۋە  تەرەپسىز ئۇيغۇر سوتى تەرىپىدىن قانداق ھۆكۈمنامە چىقىرىلغان بولسا، بۇ جىنايەتلەرنى شۇ بويىچە ئاتاشنىڭ تەخىرسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى دۇنيا دۆلەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ.
  5.  خەلقئارا جىنايەت سوتىنىڭ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە  ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشىدىن،،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە ھازىرغىچە سادىر قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت قىلمىشلىرى  ھەققىدە  دەرھال ئەدلىيەلىك باھالاش ۋە جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلۈشى ئېلىپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ.
  6. شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلاشقان ۋە يېڭى نورمالغا ئايلاندۇرۇلغان مەجبۇرى ئەمگەك ۋە ھازىرقى زامان  قۇللۇق تۈزۈمى نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان  پاختا، توقۇمىچىلىق، كۆكتات، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، كان ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق  مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بازىرىدا كەڭ ئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى،  ھالبۇكى بۇ قىلمىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايى قىلمىش دەپ ئېنىق شەرھىيلەنگىنى سەۋەبلىك ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت  قانۇنلىرىدا  ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەنلىكىنى، دۇنيادىكى بارلىق قىممەت قاراشلارنى ئىقتىسادىي پايدىغا تەڭ قىلمايدىغان تورسىمان تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن چوڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماي خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشىغا ئورتاق بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى،  بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىستېمىلاشقان جىنايەت زەنجىرىگە ئايلانغانلىقىنى،  ۋە بۇ داۋاملىشىۋاتقان جىنايەت زەنجىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈزلۈكسىز قۇل قىلىشىدىكى تۈرتكىلىك ئامىلغا ئايلانغانلىقىنى، ئەگەر بۇ جىنايى قىلمىشلار دەرھال توختىتىلمىسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانۇنى يوللار بىلەن بۇ جىنايى قىلمىشلارغا ئورتاق بولغان شىركەتلەر  بىلەن ھېسابلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
  7. بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆز مىللىي، دىنى ۋە مەدەنىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش غەيرەتلىرى ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇشىنى كۈتىدۇ.
  8. ئاخىرىدا، مىللىي كېڭەش بارلىق خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئالى مەنپەئەتىنى قوغداش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرقى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىككە، ئۆملۈككە ۋە ئىناقلىققا چاقىرىدۇ.

 

2022-يىل 26-28 ماي

مىيۇنخېن، گېرمانىيە

2-قېتىملىق مىللىي كېڭەشكە قاتناشقان تەشكىلاتلار تىزىملىكى
( ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى )

ئادالەت ئارخىپ ئامبىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى
ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ئادمەنتون ئۇيغۇر جەمئىيىتى
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقپى
ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى
فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى
فۇرقان مائارىپ ۋە ياردەملىشىش جەمئىيىتى
ھىرا تېخنىكا ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى
ئىلىم خىزمەت ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
ئىسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋەقپى
كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى
كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى
كۆك ئاي ياردەم جەمئىيىتى
مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەشكىلاتى
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى
قازاقىستان ئاتاجۇرت پارتىسى
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئىتتىپاقى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان مەبلەغ سالغۇچى تىجارەتچىلەر ۋە سودا سانائەتچىلەر جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى
تەكلىماكان نەشرىياتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش مەركىزى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقپى
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى
ئۇيغۇر فوندى جەمئىيىتى
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى
ئۇيغۇر ھوقۇقىنى قوغداش پروجەكتى
ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپى
ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى
ئۇيغۇر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى
ئۇيغۇر پروجەكت فوندى
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىسى
ئۇيغۇريار تەشكىلاتى
ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەشكىلاتى
ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئىلىم ۋە ئىرفان ۋەقپى
ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى
ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى