2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دىكى مۇھىم نۇتۇقلار

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە داۋام قىلماقتا.

26-مايدىن 28-ماي كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىن 200 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى، قانۇن ۋە ئىلىم-پەن مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە سىياسىيونلارنى شۇنداقلا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«بىز، بۇ 3 كۈنلۈك مىللىي كېڭەش جەريانىدا 20 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق توختىتىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنلار ۋە باشقا قانۇنلار ئاساسىدا قانداق جازالىيالايمىز، خەلقئارا شىركەتلەرنى قانداق قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن چېكىندۈرۈپ چىقالايمىز، ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيا رۇسىيەگە قويغان ھەرخىل جازا تەدبىرلىرىنى قانداق قىلغاندا خىتايغىمۇ قويغۇزالايمىز؟ قاندا قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يوللارنى تېپىپ چىقالايمىز؟دېگەنلەرنى مۇزاكىرە قىلىمز. مانا مۇشۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ مىللىي كېڭىشىمىزنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولىدۇ».

26-ماي كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە چېخىيە جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى يىرجى ئوبەلفالزىر سۆز قىلدى. ئۇ چېخىيە پارلامېنتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز غەربلىكلەر دىكتاتورلار بىلەن كېلىشسەك بولمايدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان روھانىي لىدېرلارغا موھتاج. بىز بىر ياقتىن جىنايەتچىلەرنى ئەيىبلەپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇلار بىلەن نورمال تىجارىتىمىزنى قىلساق بولمايدۇ. بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىزگە ئەڭ چوڭ ساۋاق بولدى. مەنچە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىردىن-بىر پەرق بولسا، بىز ئۇكرائىنادا تۆكۈلگەن قانلارنى خەلقئارالىق مېدىيالاردىن نەق مەيداندا كۆرۈپ ئولتۇردۇق. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ھەممە نەرسە پەردە ئارقىسىدا، خىتاينىڭ تاملىرى ئارقىسىدا ۋە مېدىيادىن ئۇزاق ھالدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. زالىملارچە زوراۋانلىق، يىغىۋېلىش لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنغا قارىتىلغان ۋەيرانچىلىق ھەممىسى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىدىن ئۇزاق يۈز بېرىۋاتىدۇ. رۇسىيەگە قىلغاندەك، غەرب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق تىجارەت ۋە دىپلوماتىك ئالاقىسىنى توختىتىشى كېرەك. قاچان خىتاي يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتلىرىنى توختاتمىغۇچە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بىز بۇ زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇپ، تىجارەتنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ھەرقانداق بىر كىچىككىنە يول قويۇشمۇ ئاخىرى بېرىپ بۇ ھاكىممۇتلەقلەرنى كۈچلەندۈرىدۇ».

چېخىيە جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يىرجى ئوبەلفالزىر ئەپەندى سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش كۆرۈشى ئىنتايىن ئۇزۇن بىر يول. ئۇ ھەتتا ئىمكانسىزدەك كۆرۈنۈپ ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇمكىن. بىراق بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى بىز تۈنۈگۈن ئىمكانسز كۆرۈنگەن ئىشلارنىڭ بۈگۈنى تۇيۇقسىز رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆپ قېتىم كۆردۇق. 1980 يىللاردا كىم سابىق سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققان. ئەمما ئۇ 9 يىلدىن كېيىن رېئاللىققا ئايلاندى. مۇستەبىتلىك مۇقەررەر ھالدا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسان تەبىئىتىگە زىت. ئەمما بىز بۇ مۇجادىلىدە بۆلۈنسەك ۋە ھەرىكەت قىلمىساق مەغلۇپ بولىمىز. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!».

يىرجى ئوبەلفالزىر ئەپەندى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن سەھنىگە لوندوندا ئېچىلغان ۋە زور خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى، ئەينى ۋاقىتتا سابىق يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ دىكتاتورى مىلوشېۋىچنى سوتلىغان باش سوتچى جېففىرىي نايىس ئەپەندى تەكلىپ قىلىندى. جېففىرىي نايىس ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىشتا ئاساسلىق تىرىشچانلىقنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ زىممىسىدە ھازىر تولىمۇ ئېغىر يۈك بار. چۈنكى سىلەر دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى قېرىنداش قوۋمداشلىرىڭلار ئۇچراۋاتقان، يەنى ئۆلتۈرۈش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، تىلنى يوقىتىش، كىملىكىنى يوقىتىش قاتارلىق بۇ دۇنيادا مەۋجۇت ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىل ئورگانلار، شەخسلەر، سىياسەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپى بۈگۈن مانا بۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ. سىلەر يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتىڭلار. ئەمما ئامېرىكا ۋە شۇنىڭدەك باشقا كۈچلەرنىڭ قوللىشىمۇ گاھىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك بولماي قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، خۇددى ئۇكرائىنادا ۋە شۇنىڭدەك باشقا جايلاردا كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك. سىلەرنىڭ داۋا يولۇڭلاردىكى پائالىيەتچىلەردىن بولمىغان بۇ ئورگانلار، شەخسلەر ۋە دۆلەتلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېسداشلىقىنى، ئالاقىسىنى يوقىتىشى، يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئەمما سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار ئۆزگەرمەيدۇ. جۈملىدىن يۈكنىڭ ئېغىرى سىلەرنىڭ زىممەڭلاردا».

جېففىرىي نايىس ئەپەندى سۆزى داۋامىدا ئۆزى باشچىلىق قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل كىشىلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئالاھىدە ھېسسىياتى بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، پۈتۈنلەي پاكىتلار ئاساسىدا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قوشقان ھەسسىسى پەرقلىق ئىدى ۋە پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى بىز ھېچقايسىمىز سىلەرنىڭ داۋايىڭلاردىكى پائالىيەتچىلەر ئەمەس. سىلەر بۇنى ھەيران قالارلىق دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق بۇ دېگەن ھەقىقەت، مۇھىم ۋە قىممەتلىك» دەپ كۆرسەتتى.

جېففىرىي نايىس ئەپەندى سۆزى ئاخىرىدا ئۆزى ۋە ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش سوتچىسى نىچك ۋەتچ ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر بولغان قارارلارنى چىقىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسەت-نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يېڭى ئىسپاتلار بىلەن بىرلىكتە، مۇستەقىل ۋە ئوبيېكتىپلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنلاردا داۋاملىق پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى فرېدىرىكا دۇما خانىممۇ سۆز قىلدى. دۇما خانىم سۆزىدە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى رەسمىي ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ناھايىتى كۈچلۈك بىر سىگناللىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە فىرانسىيە ۋە شۇنىڭدەك باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چوقۇم خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئېسىگە سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئىنسانىيلىق مەجبۇرىيىتىمىز»، دېدى. ئۇ شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم قارار ۋە قانۇنلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئەيمى گۇتمان خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىسادىي ۋە ۋىزا جازا تەدبىرلىرى قويغانلىقىنى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاقىۋەتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشى ئۈچۈن بارلىق شېرىك دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كېلىشكە ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ دۇنيادا ھازىرقى يۆنىلىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋالىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزى ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېدى: «بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ بۇ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىق بىر جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بىز ئەمەلىيەتتە دىنىي ئەركىنلىكنى، ۋىجدان ۋە ئىنسان غۇرۇرىدىن ئىبارەت ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقلارنى قوغدىغان بولىمىز. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بىز بۇ يۆنىلىشنى ئۆزگەر تەلەيمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلالايمىز. بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە كىملىكىمىزدۇر».

مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا پولشانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننا فوتىيگا خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى يوڭ كىم خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ ئەپەندى، پىراگا شەھەر باشلىقى زىدانىك ھىررىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھايدى ھاۋتالا ئەپەندىلەر سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق تەبرىك نۇتۇقلىرىنى ئەۋەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق بىر يۇرۇش جىددىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.