دولقۇن ئىسا

د ئۇ ق رەئىسى

دولقۇن ئىسا 1985-يىلى ۋە 1989-يىلىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ستۇدېنتلىرى تەشكىللىگەن دېموكراتىك نامايىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇ 1987-يىلى پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، ئىلىم-پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە ئاقارتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئىسانىڭ ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىۋېرسىتىتتىن قوغلانغان. مەكتەپدىن قوغلانغاندىن كېيىن ئاقسۇغا قايتىپ بىر تەرەپدىن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچ، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلىغا.، كېيىنچە بولسا، 1990-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بېيجىڭدا ئىنگىلىز تىلى ۋە تۈرك تىلى ئۆگىنىپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى باستۇرۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مەخپىي ھالدا تارقاتقان. كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن 1994-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئاۋۋال تۈركىيەگە، ئاندىن ياۋرۇپاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ۋە 2006-يىلى گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن.

1996-يىلى 11-ئايدا دولقۇن ئىسا گىرمانىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئىجرائىيە مۇدىرلىكى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2004-يىلى 4-ئايدا ئۇ شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنى بىرلەشتۈرۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىقىشتا يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇنىڭدىن بىرى، دولقۇن ئىسا ياۋرۇپا پارلامېنتى، ب د ت ۋە ب د ت غا قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيەسى، يارۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى، شۇنداقلا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا چوڭقۇر پائالىيەت قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا خىزمەت كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە، دولقۇن ئىسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى.