د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى
كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قارشىلىقىغا ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماستىن، ” يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى بەرپا قىلىش ” دېگەن نىقاب بىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
” خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە قارىتىلغان ” خەتەرلىك ۋە كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ” باشلانغاندىن بۇيان، 4678 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلانغان.
قەشقەر قەدىمىي شەھرى جەمئىي 28 ئولتۇراق رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ئائىلىلەرنىڭ سانى 65 مىڭدىن كۆپرەك، جان سانى بولسا 220 مىڭ نەپەرگە يېقىن بولۇپ، بۇلار، پۈتۈن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بولسا، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، پۈتۈن ئاھالىلەرنى يېڭى سېلىنغان بىنالارغا كۆچۈرۈپ بولۇش بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 8835 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى چېقىپ تاشلىنىدىكەن.
دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، يەنە 5 يىلدىن كېيىن قەشقەر قەدىمىي شەھرى يەر شارىدىن پۈتۈنلەي غايىب بولىدۇ دېگەن گەپ.
بۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنىڭ يوقىلىشىدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قەدىمىي ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخقا كۆمۈلۈشى دېمەكتۇر.
ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاياللار ھەرىكىتى جانلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىش، دىن، ئانا تىلى تەربىيىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئىشلىرىدا ئالاھىدە روللارنى ئوينىماقتا.
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئاياللار كېڭىشى شۇ قاتاردىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر كېڭەش يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىدىكى لېبىدىنوفكا يېزىسىدا ئاياللار سېمىنارى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بەزى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا تەشكىللىگەن.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى
بۈگۈن، خۇددى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا مىللىي ساھەلىرىگە ئوخشاشلا، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مىللىي مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلار، يازغۇچى – ئەدىبلەر، شائىرلار، تارىخچىلار ۋە سەنئەتكارلارمۇ زور سىياسىي بېسىم، تەھدىت ۋە چەكلىمە ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا.
مەسىلەن، ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزات، ” ياۋا كەپتەر ” ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىنغا ئوخشىغان كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ھازىر خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى، “قەدىمكى ھۈنەر- سەنئەت رىسالىسى”، “ئۇيغۇرلار”، “ھونلارنىڭ قىسقىسى تارىخى”، “قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى”، “چالا تەگكەن ئوق”، ” ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى”، “لېيىغان بۇلاق”، “دېھقان بولماق تەس”، “ئويغانغان زېمىن”، “سوۋغا”، “قۇم باسقان شەھەر”، “يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام”… دېگەندەك مىڭلىغان نادىر ئەدەبىي ۋە سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ، يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىنغانلىقىنى، يەنە كۆپلىگەن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ سەھنىگە چىقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2002 – يىلنىڭ بەشىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ” ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ” دېگەن نامدا مەخسۇس سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، مىللىي ئەدەبىيات – سەنèت ۋە مىللىي مائارىپ ساھەسىنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا بىر قاتار چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسىنى پەيدىن – پەي كېڭەيتمەكتە. گەرچە 60 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بىرقانچە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر زور بىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 09-كۈنى
يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى جۇمھۇرىيەتلىك “ئۇيغۇر ئاۋازى” گېزىتى ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە مۇراجىەت ئېلان قىلغان.
ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان دوستلۇق، سۇلتانقورغان ۋە باشقا مەھەللىلىرىنىڭ باش يىگىت باشلىرى يېقىندا قۇرۇلغان بەگلەر كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە يىگىت باشلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەزمۇنىدىكى پىكىر – تەكلىپلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇلار يىگىت باشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇاتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم شۇنداقلا ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي گۈللىنىشىنى تەمىنلەيدىغان رازىمەنلىك ۋە تۇراقلىقنى مۇستەھكەملەشكە، خەلقلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە پۈتكۈل بىلىمىنى ۋە كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراجىئەتنامە ئاپتورلىرى يىگىت باشلىرى كۈنىنى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەم شۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ خەلق ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئۆسىدىغانلىقىنى، ئابرۇيىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەتبۇئات سەھىپىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، شېھىت بولغانلار خاتىرىسىگە نەزىر پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش، مىللىي مەكتەپلەرگە بالا توپلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلاردىمۇ يىگىت باشلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.
ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 09-كۈنى
تۈركىيىدە، كىشىلەر ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، بىر – بىرىنى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ياش – ئۆسمۈرلەرنى سۆيۈندۈرۈش مەقسىتى بىلەن ياز ئايلىرىدا دالا سەيلىسىگە چىقىپ، بىرلىكتە دالا يېمىكى يەيدۇ. باغچىلاردا، ئورمانلىقلاردا، ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرىدا، تاغ ئېتەكلىرىدە ۋە يايلاقلاردا دالا تامىقى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ يىل، 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قەيسەرى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدا دالا يېمىكى يېدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە چوڭ كىچىك بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى، دالا يېمىكى ئۈچۈن پولۇ، كاۋاپ قاتارلىق تاماقلار تەييارلاندى .
يېمەك يېيىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ياش – ئۆسمۈرلەر ئارا ئالما يېيىش مۇسابىقىسى، قېتىق ئىچىش مۇسابىقىسى، سۇ چېچىش مۇسابىقىسى، ئۇزۇنغا ۋە ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە توپ مۇسابىقىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى.
قەيسەرىدە-دالا-سەيلىسى-مۇسابىقە-305
سۈرەت، 2010 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قەيسەرى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدىكى دالا سەيلىسىدە، ياش ئۆسمۈرلەر ئويۇن ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش.
بۇ پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن، ئاخشام سائەت 8 گىچە داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال – خۇراملىق بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى يېزا نوپۇسى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇر دېھقانلىرى – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسى قوشۇنى ۋە يىلتىزىدىن ئىبارەت.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە باھا بېرىشتە، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسى ئۆلچەم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىللاردىن بۇيان خۇددى توختام سۇدەك بىر ئىزىدا تۇرۇپ كەلمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزا – قىشلاقلىرىدا تېخىچە ئاچ – يالىڭاچلىق ۋە موھتاجلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلمەكتە.
شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ شىددەت بىلەن چوڭىيىشىغا ماس ھالدا، شەھەر پۇقرالىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىغا ئىستېمال، تۇرالغۇ، پەن، مەدەنىي – مائارىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات … قاتارلىق تۈرلۈك جەھەتلەردىكى پەرقلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا ۋە بۇ خىل پەرق شەرقىي تۈركىستاندا تەبىئىي ھالدا ئىككى قۇتۇپنى شەكىللەندۈرمەكتە.
خۇددى خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدا بىرقانچە ھەسسە ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى راست، ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندا ئىدارە – جەمئىيەتلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنىڭ خىتايلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى بىر ئەمەلىيەت.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال ۋەزىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
ئەڭ ئاددىيسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېخى ” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ” قۇرماي تۇرۇپلا، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئىگە قىلغانلىقى بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىدى.
مەسىلەن، ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇن، يېن، 1954 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ” ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بۆرىتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى “، ” بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ” ، ” قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ” قاتارلىق 5 ” ئاپتونوم ئوبلاست “، يەنە ” چاپچال شېۋە ئاپتونوم ناھىيىسى “، ” تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى ” … قاتارلىق 6 ” ئاپتونوم ناھىيە ” تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1955 – يىلى ” ئاپتونوم رايون ” قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەمۇرى رايون پەقەتلا قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 5 ۋىلايەت بىلەنلا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەينى چاغدا ئومۇمى نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە تۇڭگانلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپتونوم ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەر كۆلىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى يەر كۆلۈمنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى.
د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بۇ ۋەقەنىڭ بىردىن – بىر جاۋابكارى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان، شۇنداقلا كۆپلىگەن يالغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە رابىيە خانىمنى ۋە ئۇنۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى د ئۇ ق نى قارىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان بەزى ھەقىقىي ئامىللارنىمۇ ئاستا – ئاستا ئەتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
مەسىلەن، ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” يېڭى سېكرېتارى جاڭ چۈن شىئەننىڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 100 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” تەرىپىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك بىر مۇلاھىزە ماقالىسىدە، ” 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بۇ ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا،دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىدىن باشقا يەنە، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى، ئامما بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى 4 چوڭ پەرقنىڭ ياخشى ھەل قىلىنمىغانلىقىدىن ئىبارەت، بۇ خىل پەرق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى ” دەپ كۆرسىتىلدى.
ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئىشخانىلاردا ۋە ھەتتا ئۆيلىرىدە بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كۈچلىنىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل شارائىت ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، خىزمەت ۋە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتنىڭ زادى قايسىلىقى ھەققىدە سواللارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشخانىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى يەنە، بۇ ئىشخانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
7 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن، 28 – كۈنىگىچە قايسەرىدە “2010 – يىلىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى” نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەت “ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پۇتبول مۇسابىقىسى”، “دوكتور مەسۇت سابرى بايقوزى شاھمات مۇسابىقىسى” ۋە “مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى” تۈرلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى ئىچىدە “مەمەت ئىمىن بۇغرا ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى”، “مەمەت ئېلى تەۋپىق شېىر يېزىش مۇسابىقىسى” ۋە “يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى” دەپ ئاتالغان پاالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
18 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاخشام قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھويلىسىدا نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قەيسەرىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.





