خەلقىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇملىرىدا ئىڭراۋاتقان بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ «ميۇنخېن خىتابنامىسى» نىڭ روھى بويىچە سىياسىي كۈرەشلىرىمىزنى كۈچەيتىشتىن سىرت، ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاھان سوراپ سەلتەنەت سۈرگەن، مەدەنىيەت ياراتقان ۋە تارقاتقان شانلىق تارىخىنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش، شۇنداقلا، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ قانداق قىلىپ مۇناپىق خوجا-ئىشانلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قالماقلارنىڭ، قالماقلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مانجۇلارنىڭ، مانجۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قانخور خىتايلارنىڭ ياۋۇز چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مەجبۇرى تېڭىلىۋاتقان بۇرمىلانغان  تارىخى سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپ مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇھىم تارىخى قىممەتكە ئىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىتابلار (بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ۋەتەن ئىچىدە چەكلەنگەن كىتابلار) ۋە ماقالىلەرنىڭ PDF نۇسخىسىنى توپلاپ-رەتلەپ پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇق. تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىنى سورايمىز.

شەرقى تۈركىستان تارىخى
ئاپتورى: مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا
ئۇيغۇرلار
ئاپتورى: تۇرغۇن ئالماس

ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە
ئاپتورى: غەيرەتجان ئوسمان
كروراننىڭ سىرى
ئاپتورى: غالىپ بارات ئەرك
تەييارلىنىۋاتىدۇ…

ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش-ئاخىرى
ئاپتورى: غالىب بارات ئەرك قاتارلىقلار
تەييارلىنىۋاتىدۇ…
يەكەن – سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئاپتورى: ھاجى نۇر ھاجى

جاللات خېنىم (1-قىسىم)
ئاپتورى: ياسىنجان سادىق چوغلان
جاللات خېنىم (2-قىسىم)
ئاپتورى: ياسىنجان سادىق چوغلان

بەدۆلەت (1-قىسىم) – يانغىن قاپلىغان تۇپراق
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئەلى
بەدۆلەت (2-قىسىم) – بارسا كەلمەس يول
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئەلى

بەدۆلەت (3-قىسىم) – ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئەلى
ئىز
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئويغانغان زېمىن (1-قىسىم)
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زېمىن (2-قىسىم)
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مەمتىلى ئەپەندى
ئاپتورى: مىرەھمەت سېيىت، يالقۇن روزى
ئانا يۇرت (1-قىسىم)
ئاپتورى: زوردۇن سابىر

ئانا يۇرت (2-قىسىم)
ئاپتورى: زوردۇن سابىر
ئانا يۇرت (3-قىسىم)
ئاپتورى: زوردۇن سابىر

ئېگەرلىك ئات
ئاپتورى: ئابدۇللا تالىپ
چالا تەگكەن ئوق
ئاپتورى: ئابدۇللا تالىپ

ئىلى دولقۇنلىرى (1-قىسىم)
ئاپتورى: ئابدۇراخمان قاھار
ئىلى دولقۇنلىرى (2-قىسىم)
ئاپتورى: ئابدۇراخمان قاھار

ئۆمۈر داستانى (1-قىسىم)
ئاپتورى: سەيپىدىن ئەزىزى
ئۆمۈر داستانى (2-قىسىم)
ئاپتورى: سەيپىدىن ئەزىزى

رۇس جاللاتلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە قىلغان خىيانەتلىرى
ئاپتورى: نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىقلار
5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابى مۇساپىسى
ئاپتورى: ساۋدانوۋ زاھىر

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
ئاپتورى: خۇاڭ جيەنخۇا
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەت پاسار
ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا  قەدەر
ئاپتورى: جاڭ جىژ جۇڭ
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: رازاق مالىك

ئورخۇندىن جەۋھەرلەر (بىرىنچى كىتاب)
تۈزگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى
ئورخۇندىن جەۋھەرلەر (ئىككىنچى كىتاب)
تۈزگۈچى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورى

ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان
ئاپتورى: دولقۇن ئەيسا
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىلى
ئاپتورى: تۇرسۇن ئىسلام

تۈركىستان قايغۇسى
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي
كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن
ئاپتورى: سۆيۈنگۈل جانىشىف

قاراجۇلدىكى جەڭ
ئاپتورى: ئابدۇرەشىد ھاجى كېرىمى
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىلى
ئاپتورى: نىزامىدىن ھۈسەيىن ، مۇھەممەد ئىمىن ھەزرەت قاتارلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا سىياسەت ئاساسلىرى
ئاپتورى: سىدىقھاجى روزى
دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان مەكتۇپلار
ئاپتورى: سىدىقھاجى روزى

ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە (1-قىسىم)
ئاپتورى: سىدىقھاجى روزى
ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە (2-قىسىم)
ئاپتورى: سىدىقھاجى روزى

مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى
ئاپتورى: سىدىقھاجى روزى
خاتالىق كىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ؟ ( ئىسىتقلال ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە )
ئاپتورى: ئابدۇرېھىمجان ئابدۇرەشىد

تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى
ئاپتورى: Christian Tyler
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرەھمان
خىتاينىڭ يادرو سىناقلىرى (ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى)
ئاپتورى: Jun Takada
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئالماس بۇغرا

مېنىڭ غەربىي دىيارىم – سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ
ئاپتورى: ۋاڭ لىشيوڭ
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.بوران
ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوقىتىشقا ئائىت ئىچكى ھۆججەتلەر
ئاپتورى: جياڭ زېمىن، جۇ كۇنرېن

«شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى
ئاپتورى: ما داجېڭ، شۇ جيەنيىڭ
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەت مۆمىن تارىمى
شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكككە قارشى تۇرۇش كۈرەش تارىخى
تۈزگۈچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچى: ش ئۇ ئا ر پارتىيە كومىتېتى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان
ئاپتورى: دوكتور ئەركىن ئەمەت

ئەسكەرتىش: بۇ كىتابلارنىڭ بىر قىسىملىرى www.uyghurweb.net ۋە www.wetinim.org قاتارلىق تور بەتلەردىن ئېلىنغان  بولۇپ، كىتابنى PDF قا ئايلاندۇرغان ھەم تورغا يوللىغان شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرىدىن ئاللا رازى بولغاي.
بۇ سەھىپە داۋاملىق تولۇقلاپ ئىشلىنىدۇ.  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى مۇناسىۋەتلىك كىتاب ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.