ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 7-ئۆكتەبىر

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻪﺩﻩﻟﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ،  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ>> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﻪﻧئﻪﺕ – ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺏ ﺩ ﺕ ﮔﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ، <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﮔﻮﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ>>ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ>> ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ.
 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﻻﺭﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ! ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﯩﺰ! ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﮪﻪﺭ ﺋﺎﻱ، ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!
ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ بېرﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ.
ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﯩﺰ:
1. ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ <<ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺗا>> ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، 10 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ – ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰ، ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﯖﯩﺰ، ﺋېلخەت ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ.
2. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﯕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻨﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ، ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯧﺠﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﻕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
3. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ  ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﻩﻝ 8:30 ﺩﺍ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯩﺴﯩﺰ.
ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ: ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ
ﯞﺍﻗﺘﻰ: 2017.10.19. / ﺳﺎﺋﻪﺕ 9:00 – 12:00
ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﻘﯘﭼﻰ:
ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﯩﺴﺎ 
ﺗېلىفون: 00491798196260
 ﺋېلخەت : dolkun@gmail.com
ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ