ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 6– ئۆكتەبىر

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشقا ئاز قالغان بىر مەزگىلدە، شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىنىي ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيوۇ مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ2017-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 5-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سمىس رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ھېچقانچە تەرەققىياتقا ئېگە بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ پىكرىچە گەرچە خىتاي يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى بولسىمۇ مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرى بۇ باش كۆتۈرۈشتە جارى بولمىغان. شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرنەچچە قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنلاردا ۋە يىغىلىشلاردا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى مۇتلەق نازارەت تېخىمۇ كۈچەيگەن. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان. جۈملىدىن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى قاتارلىقلار ھەرقاچان بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماركو رۇبىيو سۆزگە چىقىپ 2017-يىللىق دوكلاتنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسى جىددىيلىككە يۈز تۇتقان، شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي سەپىرىگە تەييارلىنىۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە پەيتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتايدا نۇرغۇن كىشىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىقى خەلق ئۈمىد قىلغان سىياسىي ئىسلاھاتنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان 2017-يىللىق دوكلاتىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان تەۋسىيىلەر، خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلار، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى قاتارلىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مىسال كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ رايوندا يەنە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىمۇ قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە بوغۇلماقتا. يەنە مۇشۇ رايوندا دائىرىلەر يەرلىك ئاھالىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى (DNA) نى توپلاشنى كېڭەيتكەن، گەرچە بۇ ئەھۋال كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئەۋرىشكە توپلاشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلار مەۋجۇت بولماقتا. بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بولسا بۇ خىلدىكى گېن ئەۋرىشكىسى يىغىشنى خىتاينىڭ ‹مۇقىملىقنى ساقلاش› تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.»
مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى 20 بەتلىك مەخسۇس بابتا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا يەر ئالغان مەلۇماتلار ئاساسىدا بىرنەچچە تۈرگە ئايرىلىپ شەرھلىنىدۇ.

دوكلاتتا ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر بولغان. بۇنىڭدا چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان «بىخەتەرلىك» ئۈچۈن 30 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجراتقان، بۇ بولسا ئۆتكەن يىلقى «بىخەتەرلىك» خىراجىتىدىن 20 پىرسەنت كۆپەيگەن. بۇ «بىخەتەرلىك» تەدبىرلىرى ئىچىدە غايەت زور ساقچىلار قوشۇنى ۋە «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى» بىلەن تولدۇرۇلغان «ئامانلىق» مۇھىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

دوكلاتتا بۇنىڭغا ئۇلاپلا بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۆلەملىك ھەربىيلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ «كومپارتىيە شىنجاڭنى مۇستەھكەم كونترول قىلىپ تۇرماقتا. كىمكى بۇنىڭغا قارشى چىقماقچى بولىدىكەن بىز ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىمىز» دېگەن سىگنالنى يوللىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇق مەسىلىسى بولغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 29-مارتتا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ماقۇللىشى بىلەن «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىر يۇقىرى پەللىگە يۈكسەلگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى «جىنايەت» كە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي زىيانكەشلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن.

گەرچە خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ھېچقانداق «تېررورلۇق» دېلولىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېغىر جازالارغا ئۇچرىغان.

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 0.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ تۆت پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. «تېررورلۇققا قارشى» خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن خوتەن رايونىدا «تېررورلۇق گۇماندارلىرى» نى پاش قىلغۇچىلارغا بەش مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى، ئىنتېرنېت ساھەسىگە قارىتىلغان زىيادە سەزگۈرلۈك ھەمدە بۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىمۇ دوكلاتتا تېگىشلىك يەر ئالغان.
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا كومىتېت رەئىسى ماركو رۇبيو ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى دۇچ كەلگەن قىسمەتنىڭ ھازىر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى راندى خالتگرېن سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى بۇ دوكلاتنى ئوقۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭچە مۇشۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ خىتاي ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە توغرا چۈشەنچىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا كومىتېت رەئىسى ماركو رۇبيو سۆز قىلىپ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرىنى مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:
«بىرىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئىزچىل ھالدا قانۇننى پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ ۋاسىتە بولسا مۇشۇ يوسۇندا پۈتكۈل جەمئىيەتكە كېڭىيىپ ھازىر ھەممىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ؛ ئىككىنچى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرىنىڭ جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇشى يەنىلا داۋام قىلماقتا. جۈملىدىن قاماقتىكى قىيناش ھادىسىلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەمدە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ؛ تۆتىنچى، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش› ئەھۋالى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن تەھدىتكە ۋە مەۋھۇملۇققا يۈز تۇتماقتا.»

مۇراسىمنىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە بىز كومىتېت رەئىسى ماركو رۇبيودىن «بۇ يىللىق دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى قايسى يوسۇندا چۈشىنىش مۇمكىن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭدا كۆپ تەرەپلىمە ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايدا ئۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمىگەن رايون يوق دېيەرلىك. بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىگىمۇ بەش قولدەك ئايان. ئۇلار ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنىڭ تامام ئۆز كونتروللۇقىدا بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىجتىمائىي توپلۇقلارنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا شەخسەن مەن خىتاي دۆلىتى ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان ھەرقايسى جايلاردىكى بۇ ئەھۋاللارغا نىسبەتەن خىتاي كومپارتىيەسىدىن بىرەر ئىجابىي سىياسەت چىقىپ قالارمىكىن، دەپ ئۈمىد قىلمايمەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ تاغدەك بېسىملارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىماستىن مەردانە ھەرىكەتلەرنى روياپقا چىقارغان كۆپلىگەن شەخسلەر مۇشۇ سەۋەبلىك جازالىنىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دوكلاتنىڭ يەنە بىر مەقسىتىمۇ خىتاي چېگراسى ئىچىدە ياكى سىز تىلغا ئالغان رايوندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ جايلاردىن ھالقىغان ھالدا دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىمۇ مۇناسىپ تەسىر قوزغاشتۇر. چۈنكى بىز (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەرنى قورقۇتۇش ياكى ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا دائىر بېشارەتلەر ۋە ئىسپاتلارنى كۆردۇق. بۇ بولسا كومىتېتىمىز ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتە ۋە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە داۋاملىق ھالدا زېھنىنى قويىدىغان مەسىلىلەر، دەپ ئىشىنىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئاق ساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىشىدە ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى بولۇش رولىنى ئوينايدىكەن.