خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى د ئۇ ق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 6– ئۆكتەبىر

3-ئۆكتەبىر خوڭكوڭدىكى رادىكال تەشكىلات دەپ قارالغان «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن 3 نەپەر ياش د ئۇ ق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋوڭ تەييۇڭ باشلىق 3 كىشىلىك بىر ھەي´ئەت 3-ئۆكتەبىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، د ئۇ ق مەركىزىدە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى.

سۆھبەتتىن ئاۋۋال، ئۇلار د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرگە تونۇشلۇق بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» نىڭ ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق بىلەن مۇستەقىللىق كۈرىشى توغرىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرغىلى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ۋوڭ تەييۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» تەشكىلاتى 2015-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ 60 نەپەر ئەزاسى 2014-يىلى 28-سېنتەبىر كۈنى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىگە قاتناشقان.

ئەينى زاماندىكى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتكە خوڭكوڭ ياشلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان، بۇ ھەرىكەت ھەپتىلەرگە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان. كۆپلىگەن ياشلار قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن «رادىكال، ئايرىمىچى، يۇرتۋاز» دېگەندەك ناملار بىلەن قارىلانغان. بىر قىسىم ياشلار 6 ئايدىن 8 ئايغىچە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان. ۋوڭ تەييۇڭ نامايىشتا ئوينىغان رولى ۋە نۇتۇقلىرى بىلەن خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ چولپىنىغا ئايلانغان.

3-ئۆكتەبىر د ئۇ ق دا زىيارەتتە بولغان ۋوڭ تەييۇڭدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ ئىلگىرى 5 قېتىم خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئاخىرقى قېتىمدا 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ئەمما سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى چىققۇچە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلى 1-ئايدا ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدىكەن. ئادۋوكاتىنىڭ ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سوتتا ئۇتۇپ چىقالىسا، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە كېسىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ب ب س نىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر قىسىم خىمىيىۋى قورال، ئېلېكتر ماگنىتلىق تاپانچا، 100 ئەتراپىدا زەھەرلىك دورا ۋە 530 مىڭ دوللار نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغان. بىراق، ۋوڭ تەييۇڭ بۈگۈن بۇلارنى تەپسىلىي تىلغا ئالمىدى.

خوڭكوڭدىكى «يەرلىكلەر دېموكراتىيە فرونتى» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋوڭ تەييۇڭ د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يىل، يەنى 2017-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگىنىگە 20 يىل بولدى. خوڭكوڭدا دەسلەپتە ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار ئىدارە قىلاتتى، خوڭكوڭدا ئالىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى بار ئىدى. بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىز، ئەركىنلىكىمىز، قانۇن-تۈزۈملىرىمىز، دېموكراتىيىمىز كاپالەتكە ئىگە ئىدى.

ئەمما خوڭكوڭ خىتاينىڭ قولىغا قايتقان 20 يىلغا نەزەر سالساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمايلا قالماستىن، خوڭكوڭنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ، سۈكۈت ئىچىدىكى خوڭكوڭلۇقلار قەددىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىككە بولغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى كۈرەش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇردى. 2014 -يىلىدىكى ‹كۈنلۈك ئىنقىلابى› دىن كېيىن، خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىستەكلىرى كۈچىيىپ باردى. 2015-ۋە 2016-يىللىرى مۇستەقىللىق ئىستىكىدىكى ياشلارنىڭ قوشۇنى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. خوڭكوڭ خەلقى جۇڭگولۇقلارغا كېرەك بولۇۋاتقىنىنىڭ خوڭكوڭ ئىكەنلىكىنى، ئەمما خوڭكوڭلۇقلار ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. ھازىر خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك مۇستەقىللىق تەرەپدارى.»

د ئۇ ق مەركىزىدە خوڭكوڭلۇق ياشلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى

24 ياشلىق ۋوڭ تەييۇڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي ھاكىمىيىتى تەدرىجىي ھالدا ھەرخىل سىياسىي بېسىملار ۋە مەدەنىي باستۇرۇشلار ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئايرىم تىلىنى يوقىتىش، مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرقى ھېسابتا خوڭكوڭلۇقلارنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان. 2016-يىلىغىچە خوڭكوڭغا كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى سانى 800 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، خوڭكوڭ نوپۇسىنىڭ 10% ئىنى تەشكىل قىلغان، بۇ كۆچمەن خىتايلار خوڭكوڭ مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، خوڭكوڭنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىكىگىمۇ زىيانلار ئېلىپ كەلگەن.»

سۆھبەت جەريانىدا خوڭكوڭلۇق ياشلار د ئۇ ق خىزمەت بىناسىنى زىيارەت قىلىپ، يىغىن زالىغا ئېسىلغان «ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار» نىڭ رەسىملىرى كۆرۈپ ھەيران بولۇشتى ۋە «مۇشۇنچە كۆپ ئۇيغۇر يوقاپ كەتتىمۇ؟» دەپ سوراشتى. «بۇلار بىزگە مەلۇم بولغانلىرى. مەلۇم بولمىغانلىرىنىڭ سانى قانچە باراۋەر ئارتۇق» دېگەن جاۋابتىن تېخىمۇ ھەيران بولۇشتى.

ئىگىلىشىمىزچە، 1997-يىلى خىتاي خوڭكوڭنى ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن 500 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇق پۇلدارلار كاناداغا كۆچۈپ كەتكەن. بۈگۈن كانادادا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ پۇلدارلار خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ۋە ئارقا تېرىكى بولۇپ، خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ھەر تەرەپتىن قوللايدىكەن.

مەلۇمكى، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىمۇ گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە يىغىن چاقىرغان بولۇپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق قوشۇلۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا بىلەن دىلشات رىشىت ئەپەندىلەرمۇ ئىشتىراك قىلىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى مۇھاكىمىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەردە بولغان ھەمدە تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان ئىدى. تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن جىددىي ھەمكارلىشىشقا ئىنتىلىشلىرى دىققەتنى قوزغايدۇ.