ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى پائالىيىتىگە تەكلىپ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 5-ئۆكتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(د ئ‍ۇ ق)، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(UNPO)نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى(NED)نىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى رەسمى باشلىنىدۇ.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان 15 – 35 ياش ئارىسىدىكى ياشلار ۋە دەۋا سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلار، رەھبەرلەرگە بۇ قېتىمقى 3 كۈنلىك كۇرستىن ھەقسىز بەھىر ئېلىش پۇرسىتى مەۋجۇد!

ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشنى، دۇنيا ۋەزىيىتى ھەمدە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تونۇشۇشنى، قوراللىنىشنى خالىغان قېرىنداشلار كەم تېپىلدىغان بۇ پۇرسەتنىڭ قەدرىگە يېتىڭ. بۇ پائالىيەتكە تىزىمغا ئالدۇرغان 50 نەپەر ياشنىڭ سېپىگە قوشۇلۇڭ! 3 كۈنلىك تاماق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ چىقىملىرىنى د ئۇ ق ئۈستىگە ئالىدۇ.

13 – ئۆكتەبىر كەچتە (جۈمە) سىز كۆڭۈللۈك بىر ئۇيغۇر سورۇنىغا داخىل بولىسىز. سائەت 18:00 – 22:00 ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى نامايەن قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە لەزىز تائاملاردىن، مىللىي كىملىكىمنىڭ بىرقىسىم نامايەندىلىرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالىسىز.

13 – ئۆكتەبىر كەچتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. پائالىيەت تامامەن ھەقسىز. بۇ پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدەرلىرىدىن رابىيە خانىم باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزەلەيسىز.

بۇ كۇرس ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ئەسلىمىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇسى! قېنى مەرھەمەت!

كۇرس ئۈچۈن ئالاقىلاشقۇچى:

ئابدۇللاھ كۆكيار

تېلىفون: 0046762038446

نىجات تۇرغۇن

تېلىفون: 0046723200542

پائالىيەت ئادرېسى: Ibis Styles Stockholm Jarva Hotel

مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئالاقىلاشقۇچى:

فارۇق سادىقوف تېلىفون: 0046704909055

دىلشات رېشىت تېلىفون: 0046736941922

پائالىيەت ئادرېسى: Husby Träff, Edvard / Griegsgangen 9, Kista

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى