د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ۋەكىللەرگە ئەسكەرتمە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 5-ئۆكتەبىر

مۆھتىرەم قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە مېھمانلار،

د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى، سىزلەرگە قۇرۇلتاي چاقىرىقنامىسىنى يوللىغان ئىدۇق ۋە تەكلىپنامىدە 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن كىلىپ-كىلەلمەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى ئالاھىدە ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق. كۆپلىگەن ۋەكىللەر ۋە مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ 6 – قۇرۇلتايغا ۋاقتىدا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بىز تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بىرقىسىم ۋەكىللەردىن تېخى جاۋاپ كەلمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى جىددىي ئەسكەرتىمىز:

1. د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا، تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە قاتناشماقچى بولغان قېرىنداشلار چوقۇم 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ كېلەلەيدىغان – كىلەلمەيدىغانلىقىنى، كېلەلىسە كېلىش ۋاقتىنى ئېنىق بىلدۈرىشى لازىم. بۇ مۆھلەتتىن كېچىككەن ۋەكىللەر ياكى مېھمانلارنىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئوچۇق ۋە يېپىق بارلىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. ياتاق ھەم تاماق مەسىلىلىرىگىمۇ ئىگە بولالمايمىز.

2. قۇرۇلتايغا كېلىشتىن ئىلگىرى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك جەدىۋەلىنى تولدۇرۇپ بىرگە ئالغاچ كېلىشىنى سورايمىز.

3. قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىدىن يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشى، ماددىي چىقىملىرىمىزنى قامداش ئۈچۈن، ئىمكانى يار بەرگەن دائىرىدە ئىئانە توپلاپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

د ئۇ ق تەييارلىق كومىتېتى

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى