كاناداغا كېتىش: خىيالمۇ، رېئالمۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 5– ئۆكتەبىر

2017-يىلى 4-ئىيۇلدا مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېقىنلىشىش تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋە يېقىندا مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ساراسىمە پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا جاۋابەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىغا ئىلتىجا قىلىش چاقىرىقى ۋە ئىلتىجا قىلىنسا كاناداغا يەرلىشىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇنداقتا، ب د ت غا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ئۇيغۇرلار كاناداغا كېتەلەمدۇ؟

كانادادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ب د ت غا ئىلتىجا قىلسا كاناداغا كېتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى كانادا ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەشتە بىردىن بىر يول بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى ئارقىلىق بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىدا بىر ئالاھىدە دېلو سۈپىتىدە تۇتۇپ، تېزلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كاناداغا ئەكېلىشكە بولىدۇ.»

ھازىر مەمەت توختىنىڭ قولىدا 178 ئۇيغۇرنىڭ ب د ت غا ئىلتىجا قىلغانلىق ئىسپاتى بولۇپ بۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيساغا تاپشۇرغان. 20-سېنتەبىر دولقۇن ئەيسا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ماتېرىيالىنى جەنۋەدە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىغا سۇنغان ۋە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى مۇنداق بايان قىلدى. «9-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇساپىرلار ئالىي كېڭەش كومىسسارلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىر ئۇچرىشىشىمىز بولدى. كومىسسارلىقىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلماي ھەر بىر ئىنسانغا ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇپ قارار بېرىدىغان بولغاچقا، بەش ئالتە ئاي ئىچىدە نەتىجە ساقلىساق رېئالىستىك بولمايدىغانلىقىنى، بىزنىمۇ ئۇلارغا ماسلىشىپ بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلدى، بىزمۇ بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.»

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تور بېتىدە يېزىلىشىچە دۇنيادا ھازىر 25 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىجاچى بار ئىكەن. تۈركىيەدە پاناھلىققا تىزىملاتقان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ 3 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. مۇشۇنداق شارائىتتا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت گە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇشى ئۈمىدلىك كۈتۈشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ تۈركىيەدە ئىلتىجاچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان، دۆلىتى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافغانىستانلىقلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارغا نۆۋەت كەلمىكى ئاسانمۇ؟ بۇ گۇمانلارغا جاۋابەن مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق چۈشەنچە بەردى. «تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك ئەرەبلەرنى ۋە ئىراقلىق ئەرەبلەرنى ھېچ قاچان ئىراق ياكى سۈرىيە تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. يېرى كەلگەندە (خىتاي) تۈركىيەگە بېسىم قىلىدۇ، سىياسىي ئىقتىسادىي، ئەسكىرىي دېگەندەك، مىسىرغىمۇ شۇ بېسىمنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئالدى. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئەرەب يەنى سۈرىيە ۋە ئىراقلىقلارغا قارىغاندا ئېغىر». ئۇنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مالايشىيا، تايلاند، كامبودژا، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقىغا دائىر پاكىتلارنى ب د ت غا سۇنۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ تەستىقىنى تېزلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىقمۇ تەستىقنىڭ تېزلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كومىسسارلىقتىن مۇساپىرلىق تەستىقى چىققاندىن كېيىن بەش كانادا پۇقراسى بىر ئۇيغۇرغا قوللىغۇچى بولۇش دېگەن تۈر بويىچە ئۇيغۇرلارنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش مۇمكىن ئىكەن.

كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ب د ت غا سۇنغان ئىلتىجانىڭ رەسمىي تەستىقلىنىش ۋە تېزلىتىلىش ئېھتىماللىقىدىن دەرگۇمان بولۇۋاتقانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى مۇنداق: «تۈركىيە بىر دېموكراتىك دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ جىق پاناھلىق تىلىگۈچى قوبۇل قىلىۋاتقان دۆلەت، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقان دۆلەت، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بەك ئېغىر خەتەر يوق، ھازىرلا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، ياكى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بەك جىددىي ئەھۋال يوق، بەزى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەسىلەن، تۈركىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسى بار شۇلار بېجىرىدۇ. ئەمما، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ب د ت ئىشخانىلىرىنى تاقاپ يەرلىك ھۆكۈمەت بېجىرىدىغان، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سوت ئاچقاندا ھېچ قايسىنى بېجىرمەيلا سوتتىن ئۆتەلمىدىڭ دەپ خىتايغا بېرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار بار، ئۇندىن باشقا ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئەھۋاللار بار. بۇنداق يەرلەردىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ھاياتى ئېغىر خەتەر ئىچىدە بولغىنى ئۈچۈن خەتەرگە ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ ئەڭ ئېغىر، ئەڭ جىددىي خەتەر ئاستىدا بولغانلارنى ئۆچىرەتنى ئالدىغا قويۇپ بالدۇرراق ئېلىشى مۇمكىن.»

تۈركىيەدە ب د ت نىڭ تىزىمغا ئېلىنغانلىق قەغىزىنى كۆتۈرۈپ، جاۋاب ساقلاپ تۇرۇۋاتقان 3 مىليون 4 يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىجاچىنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى نېمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بۇرۇن ب د ت غا ئىلتىجا قىلىپ ۋاز كەچكەن، تراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتور ئوقۇغۇچىسى ئۆمەرجان جامال ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ 2014-يىلى 4-ئايدا ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا ئىلتىجا قىلغان بولۇپ ئىككى يىل كۈتۈپ نەتىجىسىز ۋاز كەچكەن ئىكەن. «مەنمۇ باشقا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئوخشاش ياۋروپاغا كېتىش ئارزۇسى بىلەن پاناھلىق تىلىگەن، ئۇ چاغدا باشقىلارنىڭ دېيىشىچە 6 ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا نەتىجىسى چىقىدۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىپ بولالايسەن دېگەن خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بويىچە، ئەمما بۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىلەن ھېچ قانداق ئىشىڭغا مەسئۇل بولمايدۇ، ئىقتىسادىي كىرىم ئەھۋالىڭغا مەسئۇل بولىدىغان ئىش يوق-دە. پەقەت تۈركىيەدە قانۇنلۇق ھەيدىلىپ كەتمەي تۇرۇش ئىمكانىيىتىلا بار، ھەيدىلىپ كەتمەسلىككىلا كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈزۈم شۇنداق چىڭ، رۇخسەتسىز باشقا شەھەرگە رۇخسەتسىز كېتىپ قالسا، ياكى باشقا دۆلەتلەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا پاناھلىقى ئەمەلدىن قالىدىغان گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىدا ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىدى. شۇڭا ئىككى يىل جاۋابسىز ساقلاپ پۇشايمان قىلدىم ۋە ۋاز كەچكەن ئىدىم.»

ئۆمەرجان سۆھبەت داۋامىدا دۇنيا ۋە تۈركىيە ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىق تىلەپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۆزى ئىلتىماس قىلغان 2014-يىلدىكىدىن ئازايغانلىقى، تېخىمۇ تەسلەشكەنلىكى، رىقابەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاناھلىق تىلەش سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلار تۈركىيەدىكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى. «مەيلى تۈركىيە شارائىتى بولسۇن ياكى خەلقئارا ۋەزىيەتتىن بولسۇن، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېسىمى ئۇ چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ زور بولغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلمەكچى، ھازىر باشلاۋاتىدۇ، ئەگەر سىياسىي پاناھلىق تىلەنسە بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ.»

كانادانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ توربېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى مۇساپىر دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كاناداغا ئىلتىماس قىلىشتا بىرى بەش كانادا پۇقراسى يەنە بىرى كانادادىكى بىرەر تەشكىلات قوللىغۇچى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىر دەپ بېكىتىلگەن بىر كىشى شۇنداق بىر ئىلتىماس سۇنغان تەقدىردىمۇ رەسمىيەتلەرنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن 19 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. ھالبۇكى، ئۆمەرجان جامال ئۈچ يېرىم يىلدىن بىرى تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلاردىن ھېچ بىرىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىر دەپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ھازىر قولىدا تىزىملانغانلىق ئىسپاتى بولغان ئۇيغۇرلار ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىر دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ئۇلارنى قوبۇل قىلغۇزغىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز كانادالىق ئادۋوكات، دېسلوگېس ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى، مەخسۇس كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق دېلولىرىغا ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان شانتال دېسلوگېس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. «كانادا تاشقى ئىشلار ئورگىنى بىلەن كانادا كۆچمەنلەر ئورگىنى پۈتۈنلەي ئايرىم ئورگان. ھەر ئىككىلىسى ھۆكۈمەتكە تەۋە ۋە يېقىن مۇناسىۋىتى بار مىنىستىرلىق. كىشىلەر مۇساپىرلىق ۋە مۇھىملىققا مۇناسىپ ئەھۋالدىلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇلار ھەققىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تەكلىپ بېرەلەيدۇ ۋە بېسىم قىلالايدۇ، ئەمما تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپلىرىگە ئويلاشسىمۇ، ھەر بىر مۇساپىرنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ كانادا قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

خۇددى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلار مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە قاچان ئېرىشىدىغانلىقى مەسىلىسىدە رېئال بولۇشى، شانتال خانىم ئېيتقاندەك كاناداغا كېتىش مەسىلىسىدىمۇ رىيال بولۇشى كېرەك. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېيتقانغا قارىغاندا ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىلتىجاچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلمايدۇ، يەنى بىر دۆلەت ۋە مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ مۇزاكىرە قىلمايدۇ، ئايرىم ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش مەسىلىسى بۇ يەردە تىزىملاتقان 3 مىليون 4 يۈز مىڭ ئىلتىجاچىنىڭ قاتارىدىكى بىر مەسىلە. شانتال خانىمنىڭ دېگىنى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق مەسىلىسىنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ھەر قانداق ئورگانغا دوكلات قىلغان تەقدىردىمۇ كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ھەر بىر نامزاتنى ئايرىم ئايرىم تەكشۈرىدۇ ۋە كانادا قانۇنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ب د ت ئۇيغۇرلارغا تېخى مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۇلار نامزات قاتارىغىمۇ كىرەلمەيدۇ. شانتال خانىمنىڭ دېيىشىچە يەنە نامزاتلار ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. تۈركىيەنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە بىرمۇ ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كەتمىسە بولمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا كىشىلەر ب د ت تارقاتقان مۇساپىرلىققا تىزىملانغانلىق ئىسپاتىنى مۇساپىرلىق سالاھىيىتى دەپ چۈشىنىپ قالغان ۋە كاناداغا مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغاندەك ھېس قىلىپ قالغان. ب د ت غا تىزىملاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 25 مىليون 5 يۈزمىڭ ئىلتىماسچىنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلە. مۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈلۈپ مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە قاچان ئېرىشىدىغانلىقى نامەلۇم. مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ قايسى دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ نائېنىق. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى توربېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە 2015-يىلى كاناداغا 285 مىڭ مۇساپىر تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت 14 مىڭ 5 يۈز مۇساپىرلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.