ئابدۇۋەلى ئايۇپ : قامالغان ئىبادەت ۋە قۇربانلىق

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 27– سىنتەبىر

بېشىمغا سۈيدۈكلۈك قارا خالتا كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر قانداق قىلىپمۇ چىلە پۇرىقىدىن قۇتۇلالمىدىم. كۈندە ئۈستۈمدىن قانچە چېلەك سۇ قۇيساممۇ، كىيىملىرىمنى ھەر كۈنى يۇساممۇ تېنىمدىن، كىيىملىرىمدىن سۈيدۈك پۇرايتتى. 19-ئاۋغۇست تۇتۇلغاندىن باشلاپ ساقال-بۇرۇتۇمغا تىغ تەگمىگەچ، ئۆسۈپ تاماق يېسەم پۇتلاشقۇدەك بولغان ئىدى. ھەر قېتىم قوشۇققا ئېڭىشسەم، ھېلىقى كۈنى نىجاسەت تامچىغان بۇرۇتلىرىم لەۋلىرىمگە تېگىپ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇراتتى.

2013-يىلى 6-ئۆكتەبىر تۇنجى قېتىم چاچ، ساقال ۋە بۇرۇتلار تولۇق ئېلىندى. مەھبۇسلار پۈتۈن يۇيۇنۇپ بولغۇچە ھەممىسىگە سۇ توشۇپ، ئۇچىسىغا قۇيدۇم. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە سوپۇن قالماپتۇ. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئۇن سوپۇن بىلەن يۇيۇندۇم. چىلە پۇرايدىغان چاچ-ساقال ۋە بۇرۇتلىرىمدىن تولۇق قۇتۇلۇپ، تۇتۇلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي پاكلانغاندەك، ئاللاھقا يۈزلىنىشكە ھەقىقىي لايىقتەك ھېس قىلدىم. بېشىمدىن شارقىرىتىپ قۇيۇلۇۋاتقان مۇزدەك سوغۇق سۇ بىلەن ئوي پىكىرلىرىم سۈزۈلدى. قەلبىمنى قىزدۇرۇۋەتكەن غەزەپ-نەپرەت ۋە ئىزتىراپلارمۇ سوۋۇشقا باشلىدى.

سەگەك ئولتۇرۇپ ئويلاندىم. ئەمدى مەن قاماقتىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئەمەس، قاماقتا قانداق قىلىپ ساغلام، ئۈمىدلىك، مەنىلىك ياشاشنى ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى. قەلبىمدىكى قەرزدارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ساق چىقىشىم كېرەك ئىدى. ئانا تىلنى قوغداشتا مەندىن ئۈمىدلەنگەن، مەن بىلەن بىر سەپتە تۇرغان شۇ كىشىلىرىمىزگە قەرزدار ئىدىم. ئۆزۈمنى ئۇيغۇردىكى ھەقنى قوللايدىغان پىداكار روھقا، ئادالەتكە مەدەتكار بولىدىغان مەردانە خىسلەتكە قەرزدار ھېس قىلاتتىم. تېنىمنى ساق، ئىشتىھايىمنى چاغ ۋە ئۇيقۇمنى ساز قىلغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر ئېيتىشىم كېرەك ئىدى. شۇ كۈنى ھەر قانداق شارائىتتا نامازنى تولۇق ئوقۇش ۋە قەتئىي چېنىقىشنى قارار قىلدىم.

كامېردا ئەڭ خەتەرلىك ئىشلار ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش، چېنىقىش ۋە ناماز ئوقۇش ئىدى. مەھبۇسلارغا يىغىن ئېچىلسىلا ناماز ئوقۇماسلىق، قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە تەھدىت بولاتتى. كامېردا چېنىقىش ئۇسۇلۇم توختىماي مېڭىش، جايىمدا تۇرۇپ سەكرەش ۋە قورساق قاتلاش ئىدى. ليۇداۋان قاماقخانىسىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئاز بولۇپ، ھەر كامىرىدا بىردىن بولغاچ بەكلا ئۇيغۇرچە سۆزلىگۈم كېلىپ كېتەتتى. تەلىيىمگە بەزىدە تەرجىمانلىق قىلغان بولۇپ بىرەر ئۇيغۇر كىرگەن ھامان ئىككى ئېغىز سۆزلىشىۋالاتتىم.

كامېردا تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشتىن باشقا بىخەتەر ئۇسۇل تاپالمىدىم. شۇڭا ھەر كۈنى ئەڭ ئاز ئىككى قېتىم يۇيۇنۇشقا توغرا كېلەتتى. ھاۋا سوۋۇغانچە بۇنداق ھەر كۈنى ئىككى رەت يۇيۇنۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي ئاۋارە بولاتتىم. ئىبادەت ئۈچۈن پاكلىق ۋە تىنچلىقتىن باشقىغا ئېھتىياجىم يوق ئىدى. ھەر كۈنى ئىككى سائەت بولىدىغان كېچە نۆۋەتچىلىكى ماڭا قاماقتىن چىققاندا يازىدىغان يازمىلار ھەققىدە ئويلىنىدىغان ۋە قازا قىلغان نامازلىرىمنى ئوقۇيدىغان تېپىلماس پۇرسەت ئىدى.

قاماقتىكى تۇنجى قۇربان ھېيتنىڭ ئېنىق كۈنىنى ئۇقالماي يۈرسەم گۇندىپاي دەپ بەردى. مەن تۇرۇۋاتقان 1-كورپۇسقا مەسئۇل گې چياڭ ئاتايىن كېلىپ ئەتىكى قۇربان ھېيتتا ناماز ئوقۇماسلىق ھەققىدە ماڭا كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كېتىپ قالدى. گې چياڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرەتتى، مەھبۇسلارنىڭ خالادا يۇيۇنۇشلىرىغا يول قوياتتى. ھېيت كۈنى سەھەردە يۇيۇنۇۋالدىم ۋە كامېردىكى باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ جىنايەتنى تونۇش ۋاقتىدا ئىشارەتمۇ قىلماي ئۈنسىز نامىزىمنى ئوقۇۋالدىم.

خىيالىمغا قۇربان ھېيت كۈنىدە غۇلجا كوچىلىرى، قەشقەر رەستىلىرى، خوتەن بازارلىرى، قۇمۇل يوللىرى ۋە ئاقسۇ مەھەللىلىرىنى تولدۇرۇپ ئۆتىدىغان توپ توپ قويلار كەلدى. تەپەككۇر قىلىپ باقسام، ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىنغىنى قوي بولغاچ، ئېرىشىلگىنى گۆشلا بوپتۇ. ئەگەر قويلار ئەمەس، قانماس نەپىسلەر مۇشۇنداق بىر كۈندە، بىرلا ۋاقىتتا مىللەت بويىچە قۇربانلىققا ئاتالغان بولسىچۇ؟ قۇربانلىق قىلىنغىنى يىلدا بىر قوي ئەمەس، يىل بويى ئۆكسۈمەس تىرىشچانلىق، پىداكارلىق ۋە تەمەسىز ياردەم بولسىچۇ؟ قۇربان قىلغىنىمىز قوي تۇرسا، ئېرىشكىنىمىز گۆش بولماي ھۆرلۈك بولاتتىمۇ؟ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئاتىلار ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدەك سۆيۈملۈك ئوغۇلنى قۇربانلىققا ئاتىمىغان بولسا ئاللانىڭ مۆجىزىسى بولغان كۆك قوچقار مەرھەمەت بولۇپ ئاسماندىن چۈشەرمىدى؟

تۇرۇپلا ئۆزۈمنى قۇربانلىق قويدەك ھېس قىلدىم. چۈنكى قۇربانلىقتا قوي مەقسەت ئەمەس، ۋاسىتە ئىدى. خىتاينىڭمۇ مەندەك بىر ئۇيغۇرنى قۇربان قىلىپ بارلىق ئۇيغۇرغا سىڭدۈرمەكچى بولغىنى قورقۇنچ، بويسۇنۇش ۋە ساداقەت ئىدى. ئۇلارغا لازىمى مېنىڭ ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ ئالاقزادىلىكى، ئۇلارنىڭ بويسۇندۇرماقچى بولغىنى مېنىڭ ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرى، ئۇلارنىڭ چەيلىمەكچى بولغىنى مېنىڭ ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان ساداقىتى ئىدى.