كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

Turkistantimes خەۋىرى
2018 – يىلى  6-مارت

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا يېڭى تېخنىكىلار ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 26- فېۋرال ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىقچە توپلاۋاتقانلىقى ۋە ئاپتوماتىك بەلگە سېلىنغان كىشىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» قاتتىق تەنقىد قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15– دېكابىر

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا» ماۋزۇلۇق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ھەرىكەت ئىلگىرىكى پەقەت پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشتىن ھازىر كېڭىيىپ بارلىق كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى «نىشانلىق كىشىلەر» دەپ ئاتايدىغان ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنىدىكەن. 

تەپسىلاتى...

ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا كەم بولسا بولمايدىغان بەش ئىسىم

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى
2017 – يىلى 31– ماي

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ناھەق تۈرمىگە قامالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى لازىم

لوتتې لېكت(Lotte Leicht)

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا بۆلۈمى ۋە بريۇسسېل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

تەن جازاسى، ناھەق تۈرمىگە قاماش، تىنچ شەكىلدە ئىپادىلەشتىن تارتىپ دىنىي ئىبادەتلەر ۋە توغۇلغانبالىلارنىڭ سانىغىچە بولغان چەكلىمىلەر: بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى خىتايدا ئادەتكە ئايلانغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتە بريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىكى يۈكسەك جاسارەتكە ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە زىيالىيلار ئېغىر جىسمانىي زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەندىكى بەش شەخسكە قىلغان مۇئامىلىسى بۈگۈنكى خىتايدىكى مۇستەبىت سىياسەتنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنىشىدۇر:

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي سەمىمىي بولسا زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن

ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى
2017 – يىلى 27– ئاپرىل

خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنى چەكلىدى

سوفى رىچاردسون(Sophie Richardson)

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغان ۋاقتلىرىدا، ئەلۋەتتە بۇ شەخسلەر ئۆزى قارار قىلىدىغان بىر خۇشاللىق ئىش، ئۇلار پەرزەنتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىگە قارىتا ياكى باشقا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ. چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشنى نۇرغۇن كىشى تەسەۋۋرۇمۇ قىلىپ باقمىغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىدا يېڭىدىن مۇشۇنداق بىر بىمەنە چەكلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ دائىرىلىرى يېقىندا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان سادام، مەدىنە قاتارلىق دىنىي تۈسى قويۇق بولغان نەچچە ئون ئىسىمنى «دىنىي قىزغىنلىقنى ئاشۇرىۋېتىدۇ» دېگەنگە ئاساسەن چەكلىگەن. چەكلەنگەن ئىسىملار قويۇلغان بالىلار نوپۇسقا ئېلىنمايدىغان بولۇپ، نوپۇس ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

تەپسىلاتى...

بىز ھەتتا ئۇلارنى ئىزدەشكىمۇ پېتىنالمايۋاتىمىز

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى
2009-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى

مەزكۇر دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى بۇ يەردىن  كۆرەلەيسىز. (ياكى بولمىسا رەسىمنى چېكىڭ )

 

 

 

 

 

تەپسىلاتى...

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى

بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار پات يېقىندا يېڭىلىنىپ قويۇلىدۇ. بۇ تېمىدا ئىنگلىزچە سەھىپىمىزدىكى مەزمۇندىن ۋاقىتلىق  پايدىلىنىپ تۇرۇشىڭىزنى سورايمىز

تەپسىلاتى...