ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى: «خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى تەقىبلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىغا جايلاشقان «2049 قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا «خىتاي ساقتا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى قانداق قانۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقى، باستۇرۇشنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى رەت قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. 

تەپسىلاتى...

«Times Union» گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» تونۇشتۇرۇلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسەتلىرى ۋە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» خەلقئارادىكى يەنىمۇ كۆپ ئاخباراتلاردا ئورۇن ئالماقتا.

12-ئىيۇل كۈنى، نيۇ-يورك شەھىرىدىكى تارىخى ئۇزۇن يەرلىك گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «Times Union» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىگە «خىتايدىكى شىنجاڭ ‹1984› گۇلاگلار بىلەن جىپسىلاشتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ماقالىنى مەزكۇر گېزىت ئوبزورچىسى فرانك روبىنسون يازغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكىدىكى رانت مېدىياسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي «يىغىۋېلىش لاگېر» لىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

ئامېرىكىدىكى «رانت مېدىيا» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ بۇ ۋەھشىلىككە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«مىڭلىغان مۇسۇلمانلار خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىنى رانت مېدىياسىنىڭ ستون يازغۇچىسى، جۇلىيا بىسۋوز قەلەمگە ئالغان. ئۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قاباھەتكە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە دۇنيادا 2-قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

كانادالىق خىتاي پائالىيەتچى يېقىندا يەنە 6 يىغىۋېلىش لاگېرىنى بايقىغان

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  11-ئىيۇل

كانادالىق خىتاي پائالىيەتچى شاۋن جاڭ 7‏-ئاي كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن يەنە 6 نى بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بايقىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سانى 21 گە يېتىپ بارغان. كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» يەكشەنبە كۈنى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، شاۋن جاڭنى تونۇشتۇردى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاسىيادىكى مۇخبىرى ناتان ۋاندېركلىپنىڭ خەۋىرىدە، كانادادىكى برىتىش كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى شاۋن جاڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بۇ سىستېمىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، «بۇ مەركەزلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش ھازىر شاۋن جاڭنىڭ شەخسىي خىزمىتى بولۇپ قالدى. ئۇ ھازىرغا قەدەر 21 ئورۇننى بايقىغان. بۇلارنىڭ 6 سى 7 ‏- ئاي ئىچىدە بايقالدى. ئۇ مەزكۇر تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بۈگۈنكى خىتايدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دەپ قارىماقتا» دېيىلگەن.

شاۋن جاڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ۋە بەزى خىتاي قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن قۇرۇلۇش توختاملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئورۇنلىرىنى تېپىپ چىققان.

تەپسىلاتى...

كېيسىي مىچېل: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىماقتا»

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  9-ئىيۇل

ئامېرىكا تەرەققىيات فوندىنىڭ خەۋەر تور بېتى بولغان «تەرەققىيات ۋە پىكىر» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە كېيسىي مىچېل تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسىدە لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان.

ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «خىتاينىڭ غەربىي رايونى بولغان شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۇنيادا تېخى كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور بولغان بىر يۈرۈش ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قۇرۇشنى باشلىدى. بۇ رايوننى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا كومىتېتى بۇ لاگېرلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.» 

تەپسىلاتى...

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن توققۇز يىل كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

جىددىي بايانات
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

2018- يىلى 3- ئىيۇل


2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بۇ شەھەردە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ئۇيغۇر ئەرلىرى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىندى، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشى مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلدى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئىز-دېرىكى يوق.

بۇ ۋەقەدىن توققۇز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىماقتا، نۇرغۇنلىغان قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 11- ئايدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك باھالاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدۇ.

تەپسىلاتى...

لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  5-ئىيۇل

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 23-ئىيۇن ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن رىيان، شەھرىزات ۋە پىتېر ئىرۋېن قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

كانادا گېزىتى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز قىيناققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  5-ئىيۇل

كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» بۈگۈن «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز روھىي ۋە جىسمانىي قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە خىتاينىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا يېتىپ چىققان كىشىلەر زىيارەت قىلىنىپ، لاگېرلارنىڭ ئىچكى تۈزۈمى ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ناتان ۋاندېركلىپ تەييارلىغان بۇ خەۋەردە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھەر كۈنى شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيەگە ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە، ئىسلام ئېتىقادىنى «ھاماقەتلىك» دەپ ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى تەكىتلىگەن. 

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسى ئايخان مەمەتنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-ئىيۇل

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن بىرىدە مەرھۇمەنىڭ «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ۋاپات بولغانلىقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ 3 ھەپتىگە يېقىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپىنچە ساقچىلار دولقۇن ئەيسانىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى رەت قىلدى. بۇ جەرياندا ساقچى خادىملىرىدىن بىرى مەرھۇمە ئايخان مەمەت خانىمنىڭ كەلپىن ناھىيىلىك 2‏-تەربىيىلەش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ پۈتۈن دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلۈشكە باشلايدىكەن

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-ئىيۇل

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئاز كەم 3 مىليون ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» پروگراممىسىنى يولغا قويىدىكەن.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «خىتاي مائارىپ گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ سىياسەتنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 2 مىليون 940 مىڭ ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» ئۆگىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...