ۋايمېر شەھرىدىكى تېپىشماق

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى
2017 – يىلى 20– نۇيابىر

خىتاي ۋايمېر (Weimar)   شەھرىدىن ئۇلارنىڭ  ئىلھام توختىغا بەرگەن ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى قايتۇرىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋايمېر شەھرى بۇنى ئەلۋەتتە رەت قىلغان. ئەمما، شۇندىن بېرى غەلىتە ئىشلار يۇز بەرگەن.

ئاپتور: Kai Strittmatter

تەپسىلاتى...

چەتئەللىك زاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– نۇيابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا چەتئەللەرنىڭ سىياسىي سەھنىلىرىدىكى زاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان بۇ زاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئامانلىق» تەدبىرلىرى ۋە زورىيىۋاتقان ۋەھىمە

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– نۇيابىر

«تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي كېڭىيىۋاتقان «ئامانلىق» تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي كۈندىلىك ھاياتىغىمۇ «سىياسىي» لىقنىڭ تامغىسىنى بېسىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان مەلۇماتلار بولسا بۇ ئەھۋالنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتماقتا. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئېمىلىي فېڭ ئىمزاسىدىكى ماقالە ئەنە شۇ خىل يازمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تارىخشۇناسلارنىڭ يازمىلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، قەدىمدىن بۇيان شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەن «يىپەك يولى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى ھەرقاچان تاشقى دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر رايوننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق «ئامانلىق» تەدبىرلىرى ئىچىدە قاتمۇ-قات ئىسكەنجىدە تىپىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭ ئۆزىنىڭ قەشقەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى 13-نويابىر كۈنى ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان «ئامانلىق» تەدبىرلىرىنىڭ بۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قايسى دەرىجىدە پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇۋەلى ئايۇپ : يالماۋۇزنىڭ قاتىلى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– نۇيابىر

قاماقتا «ھالال ۋە ھارام» ھەققىدە گۇندىپايغا «لېكسىيە» سۆزلەپ مەشىق كامىرىغا سولانغاندىن كېيىن پۇت قولۇم بوغۇلدى. خۇددى قاسساپنىڭ ئالدىدىكى قويدەك يۇلقۇنۇپ يەتتە كۈن يەتمىش يىلدەك تۇيۇلدى. جازا مۇددىتىم توشۇپ يېڭى كامىرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئادەمدەك قولىدا تاماق يېيىش، كىيىمىنى سېلىپ ئۇخلاش ۋە ھاجەتتىن پەششاپنى ئۆزى سۈرتۈپ قوپۇشنىڭ ئەسلى نەقەدەر ھۇزۇرلىنىشقا، شۈكۈر ئېيتىشقا، قەدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك پۇرسەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

يېڭى كامېر ئىككىنچى قاتاردا بولۇپ تۈزۈملەر مەن بۇرۇن تۇرغان بىرىنچى قاتاردىكى كامېرلاردىن بوشراق ئىدى. كامېر باشلىقى خىتاي كىتابخۇمار بولۇپ مەھبۇسلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي، ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەتتى. خىتايچە كىتاب بىلەن تولغان تەكچىدە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، چوپانىنىڭ «سەمەندەر» دېگەن رومانلىرى «مانا مەن ئۇيغۇرنىڭ» دەپ مەيدىسىنى كېرىپ تۇراتتى. ئۇيغۇرچە سۆزلەش چەكلەنگەن بەش ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇپ، قورقماي ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالدىم.

كامىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرچە كىتابلار «ساراڭ» دەپ قارالغان مەمەتيۈسۈپنىڭ ئىكەن. ئۇ لايىقىدىن مەھرۇم قالغاچقا «نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ» ئۈرۈمچىدە ئاتمىش نەچچە ياشلىق بىر خىتاينى ئۆلتۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ كامىرىدا تولا «كېسىلى» تۇتۇپ گۇندىپايلارنى مالال قىلغاچقا كىتاب ئوقۇشقا يول قويۇلۇپتۇ.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم: ئېغىر كۈنلىرىمىزدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئەجدادلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز

IUHRDF خەۋىرى
2017 – يىلى 13– نۇيابىر

بۈگۈن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 84، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈن شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى پەرقلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندا ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە قامىلىپ يېتىۋاتقان، ئۇلارنىڭ نەچچە مىليونلىغان ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى پەرىشان بولۇۋاتقان-ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بىر قاراڭغۇ مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ كۈن،  خەلقىمىز دۆلەتسىزلىكىڭ نەقەدەر بىر بىچارىلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، مۇستەقىللىقنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى كالپۇكلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ ھېس قىلىۋاتقان بىر كۈنگە توغرا كەلدى؛ بۇ كۈن خەلقىمىزنىڭ ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ، قىسقىسى، خىتايدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرمىسا، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى مىللەت بويىچە يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خوش بۇ ھالىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىي قانچە قورۇنۇۋاتقاندۇ؟ تۆمۆر خەلىپە، سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجىم، ئەلىخان تۆرەم ،ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ روھى قانچە ئاھ ئۇرىۋاتقاندۇ؟!

غېنى باتۇرلار، فاتىھ مۇسلىملار، رىزۋانگۈللەر، بىزنى مانا بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئىستىھكاملىرىغا ئۆزىنى ئاتقان ئىدىغۇ؟ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار، ئەيسا ئەپەندىلەر، يۈسۈپ مۇخلىسىلار، ھاشىر ۋاھىدىلار، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىمىز دېگەندە، مىللەتنىڭ خارلىنىشنى بۈگۈنگىچە بۇ باسقۇچقا ئەكەلمەسلىك، خىتايدىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىدىغۇ؟ زەينىدىن يۈسۈپ سەپداشلىرى بىلەن بارىندا قوزغالغاندا ئىسسىق جانلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشىنى شەرەپ ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدىغۇ؟ يېقىنقى يىللاردا، ۋەتەندە ساقچىخانىلارغا پىچاق بىلەن ئېتىلىپ كىرگەن، ، چەتئەلدە تاغ – دالالاردا مۈدۈرۈپ يۈرگەن ئەزىمەتلىرىمىز،خەلقىمىزنى ئەنە ئاشۇ خارلىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولغان يوللىرىنى سىناشنىڭ كويىدا ئىدىغۇ!؟

تەپسىلاتى...

مەجبۇرىي بايراق ئېسىش بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسى پەيدا بولامدۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– نۇيابىر

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بىلەن بىرلىشىپ 10 مىنۇتلۇق بىر تەشۋىقات فىلىمىنى تارقاتقان.

فىلىمدا خوتەن خەلقىنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىقىغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ساداقىتىنى يورۇتۇش ئۈچۈن 7 ناھىيە 30 نەچچە ئورۇندا 50 تىن ئارتۇق ئادەمنى زىيارەت قىلغان. فىلىمدا خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى، ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ تويغا بارغاندەك ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن كەنت ۋە مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ھەتتا لوپ ناھىيىسىنىڭ چارباغ يېزىسىدا بىر ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئۆز قورۇسىدا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى-27: سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە شاھىت بولغانلىرىم

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 8– نۇيابىر

1970-يىللاردا ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان «سوغۇق ئۇرۇش» يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. ئۇزۇن يىللارغىچە بېكىنىپ ياتقان خىتاي 1970-يىللارغا كەلگەندە «تىك-تاك توپ دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىقابىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى «ئۇيغۇر كارتىسى» نى يەنە بىر قېتىم ئويناشقا ھازىرلىنىۋاتقان، نىكسون ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ. ھايات شاھىتلاردىن غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغايدۇ.

تەپسىلاتى...

بوۋاڭلار شۇنداق كىشى ئىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– نۇيابىر

بالىلىرىم، بوۋاڭلار تۈگەپ كەتتى. رەھمەتلىك چېقىلماس قورام تاش ئىدى، ئوۋۇلۇپ كەتتى. يىقىلماس تاغ ئىدى، گۈمۈرۈلۈپ كەتتى. قۇچاق يەتمەس توغراق ئىدى، ئۆرۈلۈپ كەتتى. ئۇ چوڭ قىلغان تۆت ئوغۇلنىڭ ئىككىسى سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىدە مەھبۇس، بىرى يات ئەلدە مۇساپىر. رەھمەتلىكنىڭ كۆزلىرى يا يېقىندىكى يا يىراقتىكى ئوغۇللارنى كۆرەلمەي تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىمۇ ھەرىكەتتىن توختاپتۇ.

بوۋاڭلارنىڭ كۆزى تۇتۇلۇپ قالغاندا قوللىرىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. چۈنكى بۇ كۆزلەر ئەمدى يىراقتىكى ئوغلىنى ۋە ئالتۇندەك نەۋرىلەرنى كۆرەلمەيتتى. شۇ چاغدا يىراقلارغا كەتكەن داداڭلارنىڭ 15 يىل بۇرۇن «سىلەر مىللەتكە چىقىش يولى ئەمەس، تەسەللى ئىزدەۋاتىسىلەر، » دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغاندەك بولغان ئىدى. مانا ئەمدى، داداڭلار يىللار ئۆتۈپمۇ تاپقانلىق خەۋىرىنى بەرمىگەن چىقىش يولىغا مەنمۇ ئاتلىنىش ئالدىدا تۇراتتىم. شۇ چاغدا بوۋايغا يۈرەكتىن باشلىنىدىغان بۇ يولنىڭ بىزنى نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن ئىدىم.

تەپسىلاتى...

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى(26): ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– نۇيابىر

1970-يىلى كىرگەن مەزگىللەردە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە ئۇلار يېتەكچىلىك قىلغان دۇنيادىكى ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت يەنىمۇ كۈچىيىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى «سوغۇق ئۇرۇش» ۋەزىيىتىدە بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى توقۇنۇشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىسسېنگېر ئامېرىكانى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا ئەجەللىك بېسىم پەيدا قىلىشقا ئۈندەيدۇ. 

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 1– نۇيابىر

ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقى ھەر مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىنى ئەركىن قوللىنىش ئىمكانىيىتى ئەڭ زور بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئوچۇق- ئاشكارا چەكلىنىش ھالىغا كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلى تارىختا ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرى 100 يىللار بۇرۇن دۇنيادىكى باشقا مۇستەملىكىچىلەر قىلىپ بولغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە خاتا ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى. ئەگەر بىز ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنىۋاتقان بۇ بۇزغۇنچىلىققا  قارىتا يېتەرلىك تەييارلىق كۆرۈپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئىش پىلانلار بىلەن قارشى تۇرىدىغان بولساق زىياننى كۆپ ئازايتقىلى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش پىلانىنى يوققا چىقارغىلى بولىدۇ. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ تىلىمىزغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىكى كۈچلۈك ئاساس بولۇپ قالىدۇ.

تەپسىلاتى...