دئۇق ئاخباراتى : خىتاينىڭ 66 يىللىق ئىشغالى ۋە 60 يىللىق ساختا ئاپتونومىيىسى ئاستىدىكى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا قىسقىچە بىر نەزەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، قانلىق كۆز يېشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” دۈشمەن مىللەت ” دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۇتۇپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچ بىر ئار – نومۇس قىلماستىن، ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى، يەنە شۇنداقلا ” شىنجاڭنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 66 – يىللىقى ” نى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلانماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ” قوش بايرام ” دەپ جاكارلاپ، ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك سۈنئىي ۋە ساختا تۈسنى ئالغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە !

تەپسىلاتى...

5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمى جەريانى، خاراكتېرى ۋە ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا خېلى زور تەسىر قوزغىغان غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان شۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، خۇددى 18 يىل بۇرۇنقىدەك زور ھاياجان ۋە قىزغىنلىق كەيپىياتى ئىچىدە غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 18 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە غۇلجا شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە جىددىي ھازىرلانماقتا.

بۇ، 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى تارىخىي ئەھمىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر تەسىرىنى ۋە ئۆچمەس ئىزىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوشۇقچە شەرھلەپ تۇرماقتا !

تەپسىلاتى...

دئۇق ئاخباراتى : ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئىلھام توختى ۋەقەلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي توقۇنۇش، مىللىي زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىللەردىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى چىقارغان قانۇنلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقىگە قارىتا يۇمشاق ۋە مۆتىدىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە دالالەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

دئۇق ئاخباراتى : 5- فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2013 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى

ئەزىز يۇرتداشلار

بۇندىن 16 – يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى، خۇددى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق نامايىشىمۇ، خۇددى بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 – فېۋرال  غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

مىللىي رەھبىرىمىز ۋە رەئىسىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ ھەرىكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى قايتا ئىزھار قىلىدۇ !

تەپسىلاتى...

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 62 يىللىق ئىشغالى ۋە زۇلۇمىغا نەزەر

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2011 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

( خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 62 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن )

2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، پۈتۈن دۇنيانى دەھشەتكە چۈشۈرگەن زور قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى.

بۇ ھادىسە، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور قانلىق تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 5 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىل – زىلىگە سالدى.

ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر !

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى، “شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلار ھېچ بىر ۋاقىت مۇستەقىل بولۇپ باققان ئەمەس “دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تارىخىي رېئاللىقلارنى بۇرمىلاش ئارقىلىق بۇ ئىدىيىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

خۇددى مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ تەكىتلەپ كەلگىنىدەك،  شەرقىي تۈركىستان، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئىبارەت، بۇ رېئاللىقنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ !

ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ “ئاز سانلىق مىللەت “ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش سالاھىيىتىگە ( Self-determination) ئىگە يەرلىك خەلقىدۇر.

شۇ نوختىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ھازىرقى كۆلىمى،  1 مىليون 828 مىڭ 416 كۋادرات كىلومېتىر ( خىتاينىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە ) بولۇپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 6 دەن 1 قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا.

قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان، خىتاي، تىبەت، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 10 دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەپسىلاتى...

“ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

شۇ نوختىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىزكى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان ھازىرقى “ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ بولسا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە ماقۇللۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زورلاپ تېڭىلغان بىر سۈنئىي مەمۇرى ئورگاندىن ئىبارەت.

“ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ نىڭ بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە مەمۇرى شەكلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدىكى ماددىلىرىغا، “ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى “ غا ۋە ب د ت نىزامنامىسىدە ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدە تەكىتلەنگەن پرىنسىپلىرىغا تامامەن زىت ۋە خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق “ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “ قۇرۇلغان 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ھېچ بىر ۋاقىت ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېررىتورىيىسى زادى قانچىلىك ؟

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ھازىرقى جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئومۇمىي تېررىتورىيىسى كۆپلىگەن تارىخىي ھادىسىلەر جەريانىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن بولۇپ، گەرچە 1864 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنى چار رۇسىيىسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، 1881 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى بىلەن چار رۇسىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ” ئىلى ئاڭلاشمىسى ” دىن كېيىن مۇقىملاشقان بۇ تېررىتورىيە، دۇنيادىكى پۈتۈن ئەللەر تەرىپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى،جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى، ۋە 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ تولۇق ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.

1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ھازىرقى ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغاندىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنگەن تېررىتورىيىسى يەنە قايتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ” دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ” دىن ئىبارەت.

چۈنكى،1948 – يىلى -12 ئاينىڭ -10 كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ”  دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ” نى ئېلان قىلىنغان ۋە شۇندىن بۇيان  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قەدەملەرنى تاشلىغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلانغان ۋە كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ دۆلەت نىزامىغا ئايلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە، يەنى، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە پۈتۈن دۇنيانى دەھشەتكە چۈشۈرگەن زور قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى.

بۇ ھادىسە، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور قانلىق تراگېدىيىلىك بىرى ئىدى.

بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 7 – ئىيۇلدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنيانى زىل – زىلىگە سالدى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى  مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنىڭ ئۆزىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قاتتىق چۆچۈتۈشتە يېتىپ ئاشاتتى.

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ، 7 – ئاينىڭ 7– كۈنى چۈش مەزگىلىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەچچە 10 مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرى تەشكىللىك ھالدا پالتا – پىچاق، كالتەك – توقماق، قىلىچ – قىڭغىراق، ھەتتا مىلتىقلار بىلەن قوراللىنىپ، باشلىرىغا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن قالپاقلارنى كىيىشىپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش ھەرىكىتى باشلىغان، خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ قوللاپ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدىمۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان.

كۆپلىگەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىمۇ  فاشىست خىتايلارنىڭ كوچا – كويلاردا ئۇچرىغان ئۇيغۇرنى قوغلاپ تۇتۇپ ياۋۇزلارچە ئۇرۇپ – چېپىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىنتايىن ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر يەر ئالغان بولۇپ، ماھىيەتتە بۇ ھادىسە سەپى ئۆزىدىن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېچ بىر دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى

11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە 1944 – يىلى ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىنى، ” ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرام كۈنى ” دەپ جاكارلاپ، بۇ كۈندە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتى بولسا دەل يۇقىرىقى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي ئىنقىلابلارنىڭ داۋامى بولۇپ، خاراكتېر، غايە ۋە مەقسەت جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەر مىراس قالغان ئىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر – مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گېربى ۋە بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى.

بۈگۈن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ 1933 – يىلى قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، ئەينى چاغدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

تەپسىلاتى...