دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان „شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى” بىلەن „دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى” نىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا، ئىككى قۇرۇلتاي ئومۇمى ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە بىردەك ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا، تىنچ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسىي كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون د، س ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 112 ۋەكىل 40 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، دېموكراتىك سايلام بىلەن رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2006 – يىلى 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، 15 دۆلەتتىن كەلگەن 59 نەپەر ۋەكىلنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇق نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان  ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم دۇق نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى „ئۇيغۇر خەلق`ئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوند” نىڭ رەئىسى، „ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى”نىڭ رەئىسى بولۇپلا قالماستىن، 2004 – يىللىق خەلقئارا „رافتو مۇكاپاتى” نىڭ ساھىبى ھەمدە 2005 – 2009 – يىلغىچە 5 قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى. 5 يىلدىن ئارتۇق بىر مۇددەت خىتاي زىندانلىرىدا ئەزىيەت چەككەن رابىيە قادىر خانىم، 2005 – يىلى 17 – مارت ئەركىنلىككە ئېرىشكەن كۈنىدىن باشلاپلا، بارلىقىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەركىن – ئازادلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، „ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى”، دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

2004 – يىلى چاقىرىلغان 1 – نۆۋەتلىك دۇق نىڭ ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئاتاقلىق سىياسىيون ۋە دىپلومات ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىنى 2006 – يىلى 11 – ئايدا چاقىرىلغان 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قەدەر زىممىسىگە لىپ كەلگەن ئىدى.
دۇق دېموكراتىك بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. دۇق رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

دۇق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسىدىن بارلىق ماددىلارغا ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغا ئاساستا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىگە قارشى ئىلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە، مۇستەبىتلىك ۋە تېررورىزمنى ۋاسىتە قىلىپ تاللاشنى  قەتئىي رەت قىلىدۇ.

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

WUC Leadership During the Third General Assembly

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off
2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

Rebiya Kadeer-WUC Presidentئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە سەھىپىمىزدىن كۆرگەيسىز

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

WUC Leadership During the Second General Assembly

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

WUC Leadership During the First General Assembly

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئىنگلىزچە سەھىپىمىزدىن كۆرگەيسىز

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

World Uyghur Congress

P.O.Box 310312

80103 Munich, Germany

Tel:  0049 (0) 89 5432 1999

Fax: 0049 (0) 89 5434 9789

E-mail: contact@uyghurcongress.org

Website: www.uyghurcongress.org

2008-12-16 داۋامىنى ئوقۇشComments Off