د ئۇ ق نىڭ 4- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدە باياناتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (د ئۇ ق) 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 14-مايدىن 20-مايغىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىلىدۇ. د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر  قۇرۇلتىيى، خۇددى ئىلگىرىكى باشقا قۇرۇلتايلارغا ئوخشاش، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتايدۇر. مەزكۇر قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقلىرىنىڭ سالمىقى ۋە قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خەلقىمىزگە قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. چەتئەلدىكى بىردىن بىر خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى چەتئەللەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل، غەلىبىلىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىدا ناھايىتى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

2012-1-3 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

د ئۇ ق نىڭ  4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، مەخسۇس “قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى” قۇرۇپ چىقىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىيلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، پىلان – پروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

2012-1-18 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيىلەر 4 يىلدا بىر قۇرۇلتاي چاقىرىپ پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارىنى سايلاپ چىقىدۇ.

تۈركىيىدىكى چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان «بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى» 1-ئاينىڭ 29-كۈنى چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ پارتىيە باشلىقىنى سايلاپ چىقتى.

2012-2-2 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى

گېرمانىيەدە 2012-يىلى خىتاينىڭ مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىش خىتاي مەدەنىيەت يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر مەيدانىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياۋروپا-شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، تىبەت ھەرىكىتى، خەۋپ ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

2012-1-31 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىغا ئورۇنلاشتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، غۇلجا ۋەقەسىگە 15 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، غۇلجا خەلقىگە روھى ۋە جىسمانىي بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1997‏-يىلى 5‏-فېۋرال كۈنى نەچچە مىڭ ياش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپ ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقى ۋە دىنىي چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غۇلجىدا نامايىش قىلغان. لېكىن، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىنى قولغا ئالغان ئىدى. قولغا ئېلىنغانلاردىن نۇرغۇن كىشى ھەر خىل قاماق جازاسى، بەزىلىرى بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۇرغۇن كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

2012-1-28 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

د ئۇ ق جۈمە كۈنى كامبودژا 2009‏-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تەن جازاسىغا ئۇچراش، تۇتقۇن قىلىنىش، ۋە ئىز ‏-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، «بىز ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

2012-1-28 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سۈپەت، سالاھىيىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش قۇرۇلتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس «قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇپ ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

تەييارلىق كومىتېتى 15 كۈندە بىر قېتىم تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ تەييارلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك تېلېفون يىغىنىدا قۇرۇلتايغا سايلىنىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىگە ئەۋەتىشكە ئوخشاش بىر يۈرۈش قارارلار ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن باشقا قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىكىگە نامزات بولۇشنىڭ شەرتلىرىمۇ بېكىتىلدى. بۇ قارارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارغىمۇ ئەۋەتىلدى.

2012-1-27 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە، قازاقىستاندا ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە تىلىدا نەشردىن چىقىدىغان «مۇستەقىل ئاخبارات» ژۇرنىلىنىڭ 50-سانى نەشر قىلىندى.

مانا بۇ قوش خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ھەر ساھە ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

2012-1-26 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئايلىق خەۋەرلەر مەجمۇئەسى» نىڭ يېڭى سانى نەشردىن چىقتى.
http://uyghurcongress.org/en/newsletter/18
http://www.uyghurcongress.org/en/?cat=284

2012-1-25 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەركىزى ياۋروپادىكى مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن 28-دېكابىر خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، ئېتىپ تاشلانغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىل 28-دېكابىر كۈنى خوتەننىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدە2 نەپەر ئايالنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەم نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار قىلىنغانلىقى ئەيىبلەندى.

2012-1-25 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 23-يانۋار خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى بۇلتۇر، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يېڭىدىن جەلپ قىلىنغان مەبلەغ، 125 تۈرگە؛ بۇلارنىڭ ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 38 مىليارد يۈەڭە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 54.3% ئاشقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقتىكى كەسىپلەرنى غەربكە يۆتكەش نامى ئاستىدا، شەرقتىكى 4 ئۆلكە، شەھەرنىڭ سودا -ساناەتچىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن قۇچاق ئاچقان. نەتىجىدە، شاڭخەي يېشىڭ گۇرۇھى، جيجياڭ جىلى سودا شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتر گۇرۇھى قاتارلىق چوڭ سودا گۇرۇھلىرى قەشقەرگە ماكانلاشقان.

2012-1-24 داۋامىنى ئوقۇشComments Off

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇقنى قوبۇل قىلدى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمىدا قەيسەرى ئەرجىيەس مېھمانخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان، 30 مىنۇت داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان بىر دوكلاتنى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا بەرگەندىن باشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا يېڭىسار تۇمىقى سوۋغات قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەرى زىيارىتى جەريانىدا تۇماقنى بېشىدىن ئالمىغان. تۇماق ھەققىدە سورىغان مۇخبىرلارغا «بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ مىللىي تۇمىقى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

2012-1-24 داۋامىنى ئوقۇشComments Off